ھايات قىممىتى (شېئىر) - ئۇيغۇربېك

 ھايات قىممىتى

 ئۇيغۇربــــېــــــك


كــــەڭ كائىنات ، مىليونلىغان ئاسمان جىسىملېرى ئىچىدىكى كىچىك يەرشارى، پۈتكۈل ئىنسانىيەت ، ئىنسانىيەت ئوتتورسىدىكى ھايات ۋە ئۆلۈم ،ئۆلۈم ۋە قىممەت؛  قىممەت ئوتتۇرسىدىكى ھەققانىيەت ۋە ساختىلىقلارنىڭ ھەممىسى ئادىمىزات بىلىپ بۇلالمايدىغان مۆجىزىلەردۇر .
بىز مىليون خىل جانلىقلار ئىچىدە ئىنسان ئاتىلىپ ،ئىنسانلار بىلەن ياشاپ كەلمەكتىمىز ، ناۋادا كۈن بۇيى چۈلۈك دەرىخىگە باغلاپ قۇيۇلىدىغان كالا ، كەمبەغەل مېھمان كەلسە ئاياپ سويۇلماي ، ئەتىۋار مېھمان كەلسە ئالدىراپ سويۇلىدىغان قوي بۇلۇپ قالساق قانداق قىلاتتۇق ، قانداق قىلالايتتۇق.
ئەسلىدە دۇنيا بىزگە ئەمەس ،بىز دۇنيا غا قەرىز ... بىزنىڭ ياشاش ،ھايات كەچۈرۈش مەيدانىمىز بولغان يەرشارىغا ، يەرشارىمىز نىڭ مۇھىتىنى ئاسراش ئۈچۈن سۇغۇقلاردا  خازان دۆۋىلەۋاتقان تازلىق ئىشچىلېرىغا، ئۇلۇغ دۆۋلىتىمىزگە ،ئەتراپىمىزدا بىز بىلەن تەڭ ياشاۋاتقان دوست يارەنلەرگە ،بۇلۇپمۇ مېھرىنى دۇنيانى ئون ئايلىنىپ تاپقۇسىز ئاتا -ئانىمىزغا كـــــــۆپ   قەرىزدارمىز.

ھامىنى بىر كۈن ھەممە ئاخىرلىشىدۇ ، بىز يۈرگەن بۇ ئالەم ، بىزگە ھەدىيە قىلىنغان ھاياتلىق ، مىننەتسىز بېرىلگەن ئاتا - ئانا ئۇرۇق -تۇققان مېھرى ،دوست يارەنلەر ئوتتۇرىدىكى ساداقەت ، خىيانەت ئارلاشمىغان قەلىپلەردىكى ئۇلۇغ مۇھاببەت ئالدىدا ھەرقايسمىز جاۋاپكارمىز .
قاچان ئۆلۈپ  كىتىدىغانلىقىمىز ئېنىق بولمىغان بۇ قىسقا ئۆمرىمىزدە ئىنسان بۇلۇپ يارالغانلىقىمىز ئۈچۈن ئىنسانلارغا خاس قىممەتنى يارىتىپ ،ئۆز بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كىيىن كۆز يۇمىشىمىز زۆرۆر. بىز ئولتۇرغان داچىلا ر،بىز ھەيدىگەن ئېسىل ماشىنىلار،بىزنىڭ قەبرىمىز ياكى ،قەبرىگە توشۇغۇچى جىنازىمىز بۇلىشى مۇمكىن ئەمەس . تا ھازىرغىچە  بىرەركىم ،ئۆلگىنىدە مۇقەددەس تۇپراقنى ئىككى مېتىردىن ئارتۇق ئىشلىتىشكە قادىر بولغان ئەمەس .
ھامىنى ئۈلۈپ كىتىمىز ئۈلۈپ كىتىشتىن بۇرۇن ئۆزىمىزنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىمىزنى ،تۇنۇپ يىتەلىسەك ھاياتىمىزدا زور قىممەت ياراتالىغان بۇلىمىز ، لېكىن تۇنۇپ يىتىشكە ئۈلگۈرمەي كىتىپ قالدىغانلېرىمىز قانچىلىك . مەن يەنە 50 يىل ياشىشىم مۇمكىن دىگەنلېرىمىزنى قاتناش ۋەقەسى ،يەر تەۋرەش ھادىسىسى تۇيۇقسىز ئېلىپ كىتىۋاتىدۇ .
دىمەك كەلمەك ۋە كەتمەكنىڭ ئۆزى بىر سىردۇر . كىملەر يىغلاپ تۇرۇپ كىملەر كۈلۈپ تۇرۇپ كىتىدۇ بۇنىڭ ھەممىسى  ھايات ۋاقتىدا ئۆزى  ياراتقان ئىنسانىي قىممىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .

2016-يىلى 12-ئاينىڭ8 -كۈنى پەيشەنبە
تىل-ئەدەبىيات دەرس ۋاقتى

  ساۋاقداشلار بىردىنلا جىمىپ قېلىشتى ،ئەڭ ئارقىدا ئولتۇرغان بىلال يەر تەۋرەۋاتىدۇ دىگەندىن كىيىن ھەممىمىز راس تەۋرەۋاتىدۇ ، تەۋرەۋاتىدۇ دىيىشىپ ئالاقزادە بولدۇق ... ئەدەبىيات مۇئەللىم قېنى؟مەن سەزمىدىمغۇ دەپ دەرىسنى داۋاملاشتۇرماقچى بولدى ، بەزىلەر ئازراق نارازى بولغان بولسىمۇ دەرس داۋاملىشىۋەردى .ئاڭغىچە يەرمۇ چايقىلىشتىن توختىدى .
   -ئەسەردىكى باخۇم قانداق پىرسۇناژ؟ئۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى ؟ كىم دەپ باقىدۇ؟
-.... (سۈكۈتتىن كىيىن)
-قېنى ھەمدۇللا سىز بىر جاۋاپ  بېرىڭە .
-ھـــــە   ئەسەردىكى باخۇم كېچە كۈندۈز نۇرغۇن زېمىنگە ئىگە بولسام دەپ ئويلايدىغان ، قانائەت قىلمايدىغان ئاچ كۆز پىرسۇناژ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ئۆزىنىڭ ھاياتى بەدىلىگە نۇرغۇن زېمىنگە ئىگە بولغان بولسىمۇ ،ئاخىرىدا چاكىرى  ئىككى مېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئورەك كولاپ ئۇنى كۆمۈپ قويغان .

سۇئال جاۋاپتىن كىيىن ، مۇئەللىم دەرسنى داۋاملاشتۇرىۋەردى ،مەنمۇ يەر تەۋرىگەندە تەۋرىگەن خىياللېرىم بىلەن تەڭ ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن .
       


   -ئەي ئەزرائىل توختىغىن، سەن چۇقۇم خاتالاشتىڭ،ئېلىپ كەتمەكچى بولغىنىڭ چۇقۇم مەن ئەمەس. يەر ئۈستىدە يۈرگەن ئادىمىزاتنىڭ سانى كۆپ بولغاچ، سېنىڭ ئالماشتۇرۇپ قۇيىشىڭ ئېنىق، ئېغىر كۆرمەي دەپتىرىڭگە قايتا بىر قارىۋەتكىن . ئىنسان ئۆمىرى يۈز يىل ئىدىغۇ ،مەن تېخى ھاياتىمنىڭ بەش دىن بىرىنىمۇ ياشاپ بۇلالمىغان تۇرسام ،مېنى نەگە ئېلىپ كەتمەكچىسەن .

-كۇللى نەفسىن زائىقەتىل موۋت.
              ***           ***           ***    
مانا ، مانا بۈگۈن 19 يېشىمدا بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتىم . مېنى 19 يىل يىمەي ئىچمەي ئەتىۋارلاپ كۈتكەن ، ئىستىقبالىم ئۈستىدە،قەلبىگە بۈيۈك ئارزۇلارنى پۈككەن ،جاپاكەشلەرگە ،ئەڭ ئاخىرقى يۈرەك سۆزلېرىمنى ئېيتىشقا ئۈلگۈرمەي ، ئەرزىمەس جەستىمنى ئۆرۈلگەن بىنالار تېگىدە  قالدۇرۇپ ، پەرياد ئۇرغىنىمچە ئاسمانغا كۈتۈرۈلمەكتىمەن .

شۇنچىلىك يىغلاپ كەتتىمكى نالە زارىمدىن تاغلار تىترىدى ، دېڭىزلار چايقالدى ، لىكىن پۈتۈن ئىنسانىيەت ئىچىدىن بىرەركىم مېنى  بۇ دۇنيادا داۋاملىق ئېلىپ قېلىشقا قادىر بۇلالمىدى .
شۇنداق قىلىپ مەن ئۈلۈپ كەتتىم .  جەسىتىمنى ئىەتىسى يەر تېگىدىن كولاپ چىقىرىشتى ، مانا ئاپام جەسىتىم ئۈستىگە يىقىلىپ  جەستىمنى قۇچاقلىغىنىچە ئۆكسۈپ ، ئۆكسۈپ يىغلىماقتا، يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاپامنى يۆلىدىم لېكىن ئۇ تۇيمىدى  .  ياندا ئاتام كۆز قارچۇقىسىغا پاتمىغان ئىككى تامچە يېشىنى بىركىمگە كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن سۈرتىشكە تەمشەلگىنىدە ، يۈگۈرۈپ بېرىپ  سۈرتۈپ قويدۇم  لېكىن ئۇمۇ تۇيمىدى.
دەرۋەقە  ئاتامنىڭ يېشىنى مەندىن باشقا ھېچكىم كۆرمىدى ، ھېلىمۇ ئېسىمدە ھاجىم دادام تۈگەپ كەتكەن كۈنى ئاتام  ئاپپاق سەللە يۆگەپ جىنازە ئالدىدا مىيىت نامىزىغا كەلگەنلەر بىلەن كۆرۈشكەن ، مەن شۇ چاغدىمۇ ئاتامنىڭ كۆزيېشىنى كۆرمىگەن ئىدىم ،بەلكىم  ھازىرقىدەك ھېچكىمگە كۆرسەتمەي سۈرتىۋەتكەندۇ .

ئۇلۇغ جۈمە ، مانا شۇ مەنزىرە ،مانا شۇ جىنازە ، يەنە شۇ ئاتام ، پەقەت بىرلا نەرسە ئوخشىمايدۇ ، ئالدىنقى قېتىم جىنازە ئىچىدىكىسى ھاجىم دادام ، بۇ قېتىمقىسى ئۇنىڭ نەۋرىسى يەنى مەن .
              ***         ***          ***
مەن ئۈلۈپ كەتتىم ، ئەمدىلىكتە ماڭا ھەممىنى كۈرۈشكە پۇرسەت  بىرىلدى ...

مانا ئۈلۈپ كىتىش ئالدىدا  يېڭەلمىگەن ئەزرائىلنى ھازېر ئاپام بىلەن ئېلىشىشقا سېلىپ ،بۇ دۇنياغا ئاپرىدە بولدۇم .  ئېلىشىشتا گەرچە ئاپام مەن ئۈچۈن ئەزرائىلنى مەغلۇپ قىلغان بولسىمۇ ،تۆلىگەن بەدىلىنى ھەرگىزمۇ ھىساپلاپ بولغىلى بولمايتتى ، شۇندىمۇ 19يىل مېنى بېقىش جەريانىدا ، باققان ئەجرىگە بىرەر قېىم مىننەت قىلىپ باققىنى يوق . نىمە دېگەن ئېسىل زات ! لېكىن مەن ھايات چېغىمدا قەدرىگە يىتەلىدىممۇ .  ئانا جاپا چەكتىڭىز رەھمەت دىيەلىدىممۇ .

ئۇغۇل بۇلۇپ تۇغۇلغىنىم  ئۈچۈن ھاجىم دادام شۇنچىلىك خوش بۇلۇپ كەتكەن ئىدى ، ئىسمىمنى قۇيىدىغان چاغدا ئۆزى پىيادە ئۈچ كىلومىتىر يولنى بېسىپ ئىنىسى يەنى يۇرتىمىز ئاخۇنى ساتتار ھاجىم ئاخۇنۇمنى چاقىرىپ كېلىپ ئىسمىمنى قويدۇردى . لېكىن  ھايات بارىمدا ئىسمىمغا يۈزكىلەلىگۈدەك ئادەم بۇلالىدىممۇ .

نۇرغۇن جاپالاردا تۆت ياشقا كىردىم .
مانا ئاتام مىنى شىللىسىدىن چۈشۈرمەي تۇرۇپ ھاجىم دادام ،ھاجىم ئاناملارنى يوقلاشقا ئېلىپ كىتىۋاتىدۇ .
نۇرغۇن جاپالاردا يەتتە ياشقا كىردىم.
مانا مەكتەپ ھاياتىم باشلىنىپ كەتتى ، ماڭا بۇرۇنقىدەك ئەركىنلىك ئەمدى قايتا نىسىپ بولمايدۇ ،ئۆيىمىزنىڭ تېمىغا قاتار چاپلىنىپ كەتكەن تەغدىر نامىلەر ھەرگىزمۇ مىنىڭ ئەركىن خۇشال يۈرىدىغان سەبىي چاغلېرىمنى قايتۇرۇپ بىرەلمەيدۇ .
نۇرغۇن جاپالاردا 13 ياشقا كىردىم
مانا يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ تۇلۇقسىزنى ياتاقتا يېتىپ ئۇقۇش ئۈچۈن مېڭىۋاتىمەن ، قەلبىمدە ئيتقۇسىز ھاياجان لېكىن مەكتەپكە تۇنجى قەدىمىمنى ئالغىنىمدا ئابايقى ھاياجانلىق ھېسياتلېرىم غايىپ بۇلۇپ ئورنىغا ئەنسىزلىك ،غېرىپسىنىش ھېسياتلېرى ئالماشقانىدى ، مانا تۇنجى ئاخشىمى  كارۋېتىم ئۈستىدە ئاتا-ئانامنى سېغىنىپ ئۈنسىز يىغلاۋاتىمەن .

نۇرغۇن جاپالاردا 15 ياشقا كىردىم.
مەن تامامىي ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىدىم .
مانا ئاپامنىڭ تېلفون قىلغىننى كۆرۈپ ئېلىش ياكى ئالماسلىق خىيالىدە ئىككىلىنىپ تۇرۇپ تېلفوننى ئالدىم .

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قانداق ئەھۋالىڭىز
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ياخشى
-تاماق يىدىڭىزمۇ ،دەرىسلېرىڭىز قانداقراق ؟
- يىدىم ياخشى
-ھە قېلىن كىيىنىڭ ھاۋا سۇۋۇپ قالدى .
-ماقۇل
زۇكام بۇلۇپ قالمىغانسىز ئاۋازىڭىز باشقىچە چىقىدىغۇ؟
-مەن دەرىسكە چىقماقچىتىم خوش.
-ھە ماقۇل ئەمسە دەرسىڭىزنى ياخشى تەكرار قىلىڭ بالام  ، تىلفون قىلمىغىنىڭىزغا بىر ھەپتە بوپتىكەن  ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىغۇمىز كېلىپ شۇ... تېلفون قىلىپ تۇرۇڭ ھە .
-ھە ماقۇل خوش ئەمىسە .
بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ  شۇنچىلىك غەزەپلىنىپ كەتتىمكى ، ياق دېگىنىمچە يەرگە مۇشلاپ ئۆزۈمنى ھەر تەرەپكە ئۇردۇم لېكىن ھېچ نەرسىنى ئۆزگەرتەلمىدىم .پۇشايمىنىم ماڭا زەررىچە نەپ بەرمىدى.

نۇرغۇن جاپالاردا 18 ياشقا كىردىم .
بىر ئايدا بىر قېتىم ئۆيگە قايتاتتىم ، مانا ئۆيگە قايتىۋاتىمەن  تۇلۇقسىز ۋاقتىمدىكىدەك  ھاياجانلىق ھېسلېرى مەندە كۆرۈلمەيتتى ، ئۆيگە كىرىپ  ، ئۆيدىكىلەر بىلەن بىر قۇر سالاملىشىپ بولغاندىن كىيىن  ئۆز ھۇجرامغا كىرىپ تىلفوننى قۇلۇمغا ئالدىمدە ئاللا كىملەر بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتىم . مەكتەپكە قايتىدىغان چېغىمدا ئاپامنىڭ ياتىقىڭىزدىكى دوسلېرىڭىز بىلەن يەرسىز دەپ ئارتۇقچە بىر مۇنچە يىمەكلىكلەرنى ئېلىۋېلىشقا زورلىغىنىدىن خاپا بۇلۇپ ، ئالايدىم .
بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ  يۈگۈرۈپ بېرىپ كۆزلېرىمگە قۇلۇمنى تىقتىم لېكىن ھېچنىمىنى ئۆزگەرتەلمىدىم ، ئىسىت شۇ كۆزلەر بىرىلمەي قارغۇ بولسامچۇ دەپ ئويلىدىم . پۇشايمان يەنىلا نەپ بەرمىدى .

نۇرغۇن جاپالاردا 19 ياشقا كىردىم ، ئاستا -ئاستا چوڭ بۇلۇپ قالغىنىمنى ھېس قىلدىم .  لېكىن بۇرۇنقى قىلمىش ئەتمىشلېرىم ئۈچۈن ئاتا -ئانامدىن ئەپۇ -ئۇزۇر سوراشقا ھەرىكەت قىلمىدىم ، چوڭ بۇلۇپ ئۇلار ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بىرەلىگۈدەك بولغاندا  رازى قىلۋالسام بولمىدىمۇ دەپ ئويلىدىم  .
(ئىسىت ، ئىسىت  ھايات ۋاقتىمدا ئېيتالمىغان يۈرەك سۆزلېرىم دەپ نالە قىلدىم  لېكىن ھېچ نەرسىنى ئۆزگەرتەلمىدىم )  

ماڭا قايتا ياشاشقا ئىمكان بولسىچۇ كاشكى ...   ھاياتىم قىممىتىنى ھايات چېغىمدىن ئىزدىسەم .   لېكىن ئۆتكىنى ئۆتتى ، خەيىر  ئەمدى ماڭا پۇرسەت  يوق  .  

 دەرستىن چۈشۈش قۇڭغىرىقى چېلىندى . ئۇف چۈش كۆرۈپتىمەندە ....

                 ***               ***                ***


   بىلمىدىم ھاياتىم قىممىتى نەدە؟

                ئۇيغۇربـــېـــــك

             ①  يەر ئۈستىدە

تۇغۇلدۇم دۇنياغا ئەركەك ئاتالمىش ،
19باھار قىش ياشىدىم بىغەم .
ۋۇجۇدۇم قاينىمى ۋىجدان گۈلشىنى،
ئېچىلدى ، توزىدى ، قۇرىدى نىكەم .

سەككىز ياش چېغىمدا ئېچىلغان شۇ گۈل،
18يېشىمدا توزىدى بىردىن.
يا بەلكىم ئۆلتۈردى قەلبىمنى ياشلىق،
ئىزدىمەي كۆڭلۈمگە مېھىر - سەبىردىن.

19 يېشىمدا تاپتىم ئۆزۈمنى ،
ئېچىلغان، توزىغان،گۈلۈمنى پۇراپ.
ئۆزۈمنى يەنە بىر ئالدىدىم لىكىن ،
قايتماستىن ئەسلىمگە قەددىمنى بۇراپ.

دەپتىمەن 20 باھارىم كەلسە ،
ھەممىنى قايتىدىن باشلىسام بىر رەت.
ئەمما مەن ئۈلگۈرمەي كەتتىم تۇيۇقسىز،
كېلىپتۇ بىلەتسىز ساقلىغان ئۆچرەت.

دىگەندەك قۇرىدى ئەتىۋار گۈلۈم ،
چىڭ تۇتۇپ يىقىلدىم ۋىجدان گۈلۈمنى.
پۇشايمان نىدايىم ئاڭلىماس بىركىم ،
پەقەت گۈل ئاڭلىدى «ئۈنسىز» ئۈنۈمنى.

جىنازە كەلتۈردى دۇنيا مەن ئۈچۈن ،
نامىزىم قىلىندى شۇندىن سۈيۈندۈم.
كۆپ شۈكۈر يەر قوينى قۇچاق ئاچتىلەر،
ئادەملەر قولىدا شۇ ئان كۆمۈلدۈم .

ئايرىلدىم چوڭ بىلگەن يېقىنلېرىمدىن،
ئۇنۇتتى ھەممىسى قىرىقىم ئۆتمەي.
ئۇنۇتماس بولغىيتتى تۇرسىدى يېنىپ،
قاراڭغۇ كۈنىدە چىرىقىم ئۆچمەي .
                ***         ***         ***
              ② يەر ئاستىدا

كۆچتۈم مەن ئادەملەرقەلبىدىن يەرگە،
زۇلمەتتە  باشلاندى ھاياتتىن سوراق .
-ئېيتقىنە ھاياتىڭ قىممىتى نەدە ،
-دېدىممەن: ئاۋال سىز يېقىڭچۇ چىراق .

چاقماقلار چېقىلىپ كەلدى بىر سادا ،
-سەن پەقەت...ۋە پەقەت زۇلمەتكە لايىق.
قايتۇرۇپ سورىدىم ئۆزۈمدىن بۇدا،
-سەن نىچۈن ھەرزامان كۈلپەتكە ئاشىق.

ئۆزۈڭدىن كۆردىدى تىلىم ئالدىراپ ،
-بىز ساڭا ئۆتنىگە بېرىلگەنىدۇق.
-نىمىگە ئىشلەتتىڭ ئاخىرى بىزنى ؟
ياخشىنى تىللىدىڭ يانماي تىللىدۇق.

پۇت قۇلۇم پۇشايمان قىلىپ ئېيتتىلەر ،
-كىملەرگە بېرىلمەي ساڭا بېرىلدۇق،
ياخشىلىق قىلدىڭمۇ لېكىن بىز ئۈچۈن،
يامانغا قېتىلدىڭ بىزمۇ قېتىلدۇق .

كۆزلېرىم چىش ياردى يالماپ يۇتقىدەك،
-دەستىڭدە كىملەرگە قىلدىم خىيانەت .
ئەمدى سەن چۈشەندۈر بىرىنى قويماي،
كۆرمىسۇن مىنىڭدىن ئۇلۇغ مۇھاببەت .

يۈرىكىم ۋاز كېچىپ سۆزلىمەى قويدى ،
تىنجىدى گۆرىستان،گۆرىستان كەبى .
يىغلىدى توساتتىن قان ياش ئاققۇزۇپ،
ئەگەشتى يۈرەككە كۆزلېرىم تەبئىي.

دۇنيادىن بىر قېتىم سورىسام ئۇزۇر،
ئەزرائىل دەقىقە ساقلاپ تۇرسىچۇ،
بىلمەستىن ئالدىراپ ئېلىپ كەتسىمۇ ،
قايتىدىن ياشاشقا ئىمكان بولسىچۇ.

يۈرەككە مۇشلىدىم لەھەت ئىچىدە ،
ھاياتىم قەدرىگە نىچۈن يەتمەيمەن .
نەپەسلەر كەتمەستە نىچۈن بىر قېتىم،
ياخشىلىق قىلغانچە كۈلۈپ كەتمەيمەن .
                 ***      ***       ***
              ③   زۇلمەتتە  
ھەر سەھەر ئۇنۇتماي يوقلىدى ئاتام ،
جان ئانام يىغلايدۇ دۇئادا ئۆيدە .
جان جىگەر دىگەنلەر ئەسلىدى تۆت كۈن،
بەزىسى چاھارباغ بەزىسى چۆلدە .

يىلان ۋە چايانلار ماڭا ياتاقداش،
ھەر كىچە ئوينايمىز دۈم-دۈم ئۇيۇنى.
يىلان دەپ كۆرسەتسەم چايان مەن  دەيدۇ ،
تۈن كىچە تېنىمدە زەھەر قۇيۇنى .

غېرىپلىق دەستىدە چىدىماي يۈردۈم ،
تەما قىپ ئالدىمدىن ئۆتكەن پۇتىغا .
كەلمىدى ۋەلېكىن بىرەركىم ئېزىپ،
شۇنچىلىك ئېسىلسام مەھكەم قۇلىغا .

بىر كۈنى يۈزىنى ياپقانچە بىر قىز،
مۆكىنىپ،سۇقىنىپ كەلدى يېنىمغا .
قەبرەمنى قۇچاقلاپ يىغلىدى ئۆكسۈپ،
مۇھاببەت ئۇرۇلدى شۇ دەم قېنىمغا .
 
-قىز

ياش تۆكۈپ تىللىدى مېنى بىر ھازا ،
-نە گۇناھ قىلدىممەن تاشلىدىڭ يالغۇز .
ئۇيغۇرگۈل كىم ئۈچۈن ئېچىلسۇن ئەمدى،
بۇلىدۇ ئاسماندا يالغۇزۇڭ يۇلتۇز .

ئارقاڭدىن كىتىشكە ئىلاجىم قانچە ،
تاڭلارغا ئۇلايمەن تۈنلەرنى يىغلاپ.
ئولتۇرۇپ قالىمەن سۆرىتىڭ تۇتۇپ،
جاننى ئال دىگەنچە ئەجەلنى چىللاپ.
 
-مەن

ئويلىدىم  مەن نىچۈن ئىنسان ئاتالدىم ،
ئۇشبۇ چىن سۆيگۈنى خار قىلىپ يەنە .
ئىشەنمەي مۇھاببەت مۇقەددەس دىسە ،
ئۇيۇن دەپ باغرىنى قان تىلىپ يەنە .

شۇنچىلىك ياشاپمۇ چۈشەنمەپتمەن ،
مەن يۈرگەن دۇنيانىڭ خىلۋىتى نەدە .
مۇددىئا-مەقسەدلىك  يارالغان تۇرۇپ ،
بىلمىدىم ھاياتىم قىممىتى نەدە .





360 قېتىم كۆرۈلدى uyghurbek ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-26 0:21:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-27 1:19:12 چىمەن
ئېسىل ھەي
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ