ئالمىچى بۇۋاي
(دىليار رەخمەتجان ئىز)
مۇزدەك ئاياز
قارلار قونار زىمىنغا لەپ-لەپ.
شىۋىرغانلار قونار يۈزلەرگە
تۇرار يولدا ئالمىچى بوۋاي
يۈزلەر تاتارغان
چاچلار ئاقارغان
توۋلار جانسىز
سوغۇقتا تىترەپ.
قاندەك قىزىل ئالمىلار
تۇرار ھارۋىدا رەت-رەت.
نەزەر سالماس ھېچبىر ئادەمزات
توۋلار بوۋاي ساتماقچۈن يەنە
جېنىنى جان ئەتمەكچۈن يەنە
قاداق قوللىرىدا شەرەتلەپ.
سوغۇق بوۋاينىڭ ئالدى گېلىدىن
سوغۇقتا تىترەپ قالدى سۆزىدىن
ئاۋازىمۇ تۆۋەنلەپ.
شۇ ئەسنادا كۆرۈندى بىر ئاي
كۆزلىرىدىن نۇر تامار تىنماي
كەلدى تاقلاپ بوۋاي تامان
شوخلاپ-شوخلاپ.
-بوۋاجاپا چېكىپسىز بۇندا
جىسمىڭىزمۇ توڭلاپتۇ قاردا
ئېلىڭ بوۋا ئۇشبۇ پۇلۇمنى
ھېچ قايتۇرماي زەررە كۆڭلۈمنى
جېنىڭىزنى جان ئېتىڭ خەجلەپ
بوۋاي ئىشتىپ قىزچاق سۆزىنى
ياشتا بېزىدى نۇرلۇق كۆزىنى
ئاقار ياشلار تاراملاپ.
-بال سۆزىڭىز جان بەردى قىزىم
ۋۇجۇدۇمغا قان بەردى قىزىم
لېكىن پۇلنى ئالماسمەن زىنھار
پاك قەلبىمگە قونماسچۈن غۇبار
ياشاي ھالاللاپ.
بۇھاياتتا ياشىماق بەختىم
ھالال ياشاش شاھانە تەختىم
شۇڭا مەغرۇرمەن
بىمېھنەت دەرياسىغا كۆۋرۈك سالۇرمەن
گەر چەكسەممۇ ئىزتىراپ.
قىزچاق ئىشتىپ ئول سۆزنى شۇئان
ساۋاق ئالدى گۆھەردەك ئوبدان
-چىن دىلىمدىن تەشەككۈر بوۋا
يۈرىكىمگە سالدىڭىز زىيا
ئول ئۈنچىلىرىڭىز
ۋۇجۇدۇمغا كەتتى تاراپ.
راۋان بولدى قىزچاق يولىغا
ھىكمەت نۇرى تاراپ بويىغا
قالدى بوۋاي ئالمىلاربىرلەن
چىرايىدا تەبەسسۇم تېرەن
ئالمىسىنى ساتار گىرلەپ.
شۇنداق!!!
ھايات ھېكمەتكە بەك باي
ھالال ياشاپ ئۆتەر ھەر گاداي
چۈنكى ھالاللىق قەلب زىننىتى
جەننەتكە تۇتاش ئۆمۈر مېھنىتى
شۇڭا مەڭگۈگە ياشا ھالاللاپ.
42 قېتىم كۆرۈلدى | dilyar | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-22 0:00:43 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|