سۆيەتتىم يار سىنى سۆيەلىدىڭمۇ (شېئىر) - نۇرئالىم جودا

سۆيەتتىم يار سىنى سۆيەلىدىڭمۇ
ئاپتورى : نۇرئالىم جودا
 QQ:1370195313


سۆيەتتىم يار سىنى سۆيەلىدىڭمۇ،
مىھرىڭدىن گۈل ئۈزۈپ بىرەلىدىڭمۇ.
بىشىمغا كۈلپەت ۋە ئەلەم چۈشكەندە،
يىنىمدىن ئايرىلماي يۈرەلىدىڭمۇ.
   ………………………
سۆيەتتىم يارسىنى سۆيەلىدىڭمۇ،
ھاياتىم سەن مىنىڭ دىيەلىدىڭمۇ.
دۈشمەنلەر ئالدىدا ئىغىر كۈلپەتتە،
غەيرەت قىل سۇلتانىم دىيەلىدىڭمۇ.
 ………………………
سۆيەتتىم يار سىنى سۆيەلىدىڭمۇ،
بەخىتلىك تۇرمۇشنى كۆرەلىدىڭمۇ .  
ئۆزۈڭنى بىلەلمەي ئشىۋالغاندا،
كەچۈرگىن مىنى دەپ كىلەلىدىڭمۇ.  
……………………
سۆيەتتىم يارسىنى سۆيەلىدىڭمۇ،
مەنسىزمۇ خاتىرجەم كۈلەلىدىڭمۇ .
ئۆزگىلەر ئوينىتىپ ئەخمەق قىلغاندا،
مەندەك بىر ساراڭنى ئويلار ئىدىڭمۇ.
……………………
سۆيەتتىم يار سىنى سۆيەلىدىڭمۇ،
تىرناقتەك قەلبىڭنى بىرەلىدىڭمۇ .
بىلىپ قوي ئەي جانان جىنىم چىقسىمۇ ،
تائەبەت سىنىلا سۆيەر  ئىدىمغۇ .
 ……………………
  1  .  1 . 2017             قاغىلىق
بۇ شىئىر ئاپتورنىڭ قان تەر  بەدىلىگە كەلگەن  ھىچقانداق شەخىس ۋە ئورۇننىڭ ئاپتورنىڭ رۇخسىتىسىز قالايمىقان تارقىتىشقا قەتئىي بولمايدۇ …… ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ…
قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر .
ئاپتوردىن .    ------ نۇرئالىم جودا
      QQ:1370195313





71 قېتىم كۆرۈلدى NJODA ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-3 1:00:42  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ