ئاتاڭ ھايات ۋاقتىدا قىلغىن ئۇنىڭ قەدرىنى
ئاپتورى كىچىك ئۆتكۈر ئۇيغۇرى
ئاتاڭ ھايات ۋاقتىدا قىلغىن ئۇنىڭ قەدرىنى ،
بىلىپ -بىلمەي رەنجىتمىگىن دىلىنى .
ئاتاڭ تۇرسا ئالدىڭدا ،نەم قىلمىغىن يۈزىنى ،
تەڭلەتمىگىن سەن ئۇنىڭ ،ياش ئېيتىشقا قولىنى .
ئاتاڭ بولسا ناۋادا، ھەر ئىشىڭنىڭ بېشىدۇر ،
قەدەم ئالساڭ ئىشىڭغا، ئارقاڭدىكى تېرەكتۇر .
ئاتاڭ ھايات بولسائەگەر ،ئوتقا كىرسەڭ قالقاندۇر ،
ئاتاڭ ھايات ۋاقتىدا ئۆيگە كىرسەڭ باغىڭدۇر .
يازدا ئۇسساپ چاڭقىساڭ ،
يانىڭدىكى بۇلاقتۇر.
قىشتا توڭلاپ تىتىرسەڭ ،
ئالدىڭدىكى گۈلخاندۇر .
ئاتاڭ ھايات ۋاقتىدا ،بالام دەپلا جىم بولدى ،
يۇرۇت كېزىپ ھەر تەرەپ پۇت -قوللىرى يارا بولدى .
قىلاي دەپمۇ داۋانى قىلماستىنلام جىم بولدى ،
ئاتاڭ ھايات ۋاقتىدا قىلغىن ئۇنىڭ قەدرىنى .
ئاتاڭ ھايات ۋاقتىدا ،دۇشكۇللىمە سەن ئۇنى ،
دۇشكۇللەشكە ھەققىڭ يوق .
ئاتاڭنىڭ سەندىن قەرزى يوق،
قىلساڭ ئەگەر سەن ئۇنى ،قايتىپ كېلەر ئۇ بىر كۈنى .
ئاتاڭ كەتسە يانىڭدىن ،ئىزلىسەڭمۇ ھەر ياندىن ،
بارچە كۈچەپ سەن ئۇنى، چاقىرساڭمۇ ھەر جايدىىن .
ئاۋاز چىقماس ئۇ كۈنى ئاتاڭ ياتقان قەبرىدىن ،
ئاتاڭ ھايات ۋاقتىدا قىلغىن ئۇنىڭ قەدرىنى .
( ئاپتورى كىچىك ئۆتكۈر ئۇيغۇرى )
بارچە جاپاكەش ئاتا -ئانىلارنىڭ تەنلىرى ئامان بولسۇن
چىرايىدىن كۈلكە كەتمىسۇن .
| 109 قېتىم كۆرۈلدى | kiqikotkur | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-3 5:24:02 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|