مەنىلىك ياشا

مەنىلىك ياشا

 

www.yazghuqilar.com

 

ھاياتلىق شامىمىز ئۆچكەندە بىر كۈن،

 ھاياتنىڭ باغرىغا قانماي كېتىمىز.

 نە بايلار نە گاداي ئوخشاش يالىڭاچ،

 ئوخشاش بىر قەبرىدە يېتىپ قالىمىز.

 

 ئۆلۈمنىڭ ئەلچىسى كەلسە ئالدىڭغا،

 قوغلاشقا تەيياردۇر كىمنىڭ ئامالى.

 تەن بىزنىڭ بولسىمۇ روھىمىز ئەمەس،

 كار قىلماس ھېچكىمنىڭ گۈزەل جامالى.

 

 ھېچكىمگە ھاجىتىم چۈشمەيدۇ دىمە،

 تاپقىنىم بايلىغىم تەڭداشسىز دىمە.

 ھېچكىممۇ قەبرىگە بارمايدۇ ئۆزى،

سۇدىمۇ ئۈزمەيدۇ بىراۋسىز كىمە.

 

 چەكلىك بۇ ھاياتتا مەنىلىك ياشا،

قالدۇرۇپ يىللارنىڭ بەتلىرىدە ئىز.

 ئەۋلادىڭ دىلىدا ئۆچمە ئۆلسەڭمۇ،

 باشلاپ بىر نىشانغا خەرىتىلەر سىز.

 

 گۈل يازمىسى 2015-9-4كۈنى





243 قېتىم كۆرۈلدى گۈل ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-5 6:02:10  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ