سنى كەتتى دىيشتى - خۇمار

سنى كەتتى دىيىشتى
خۇمار (يامغۇر )

سنى كەتتى دىيشتى ،
يۈرۈكۈمنى بۆلدۈم ،
ئاۋازىم كۆيۈپ كەتتى ،
قاراڭغۇنىڭ ئاۋازى قارا ،
يۈرۈكۈمنىڭ ھەممسى يارا...
يۇپۇرماقلار تۆكۈلۈپ كەتتى ،
تۆكۈلۈپ  كەتتى ھەممىسى ...
ياشاش جەريانى ئۆلۈمنىڭ ئسمىنى مۇدھش پۇراققا تولدۇردى....

سنى كەتتى دىيشتى ....
بەرداشمنىڭ قانچلىك ئىكەنلكىنى بىلمەيمەن ،
ئەمما،ھەممە نەرسنىڭ ئاياقلىشدىغانلقنى...
ئەجەلنىڭ ئاستا-ئاستا ماڭا يىقىنلاپ كىلىۋاتقانلقنى ...
ھامان بىر  كۈنى روھىمنىڭ تەندىن ئايرىلدىغانلقنى ...
ھامان بىر كۈنى قەدىرسز پەيدەك ئۇچۇپ ،تۇزۇيدىغانلقمنى ...
جۈپ كۆزلەرنىڭ ياشلىندىغانلقىنى بىلمەن ...

سنى كەتتى دىيشتى ....
سۈكۈتلرىمگە ئىسلىپ تۇرۇپ ،
يىغلىماقچى بولدۇم توساتتىن ،
يىغلاڭغۇ كۆزلىرىڭگە قارىماستىن،
ھىچكىمگە ھىچنىمە دىمەستىن،
سۈكۈتنىڭ باغرىدىن يۇلقۇنۇپ تۇرۇپ،
ئىچى يورۇق ،ئەتراپى قاراڭغۇ،
ئۆز ئاۋازىمنىمۇ ئاڭلىيالمايدىغان ،
تىمتاسلققا چۆمگەن كىچدە ئىسمڭنى چاقىرىمەن...
كەل ، مەن بۇ يەردە ...
يالغۇزلۇقۇم قاناۋاتقان يەردە.....

2016-يىل 2-دىكابىر غۇلجا





109 قېتىم كۆرۈلدى yamgur ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-3 20:58:40  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ