تۇنجى كۆرگەن شۇ كۇندىن بۇيان

تۇنجى كۆﺭﮔﻪﻥ ﺷۇ ﻛۈندىن بۇيان

 

 ئەزىز ئەركىن 《ئېقىن》

 

تۈنجى كۆرگەن شۇ كۈندىن بۇيان،

 خىياللىرىم ئەسىردۇر سىزگە.

 ئەپسۇس كۇڭۇل ئىزھار قىلالماي،

 دىيەلمىدىم چۇشتىغۇ تەسكە.

 

تۇنجى كۆرگەن شۇ كۈندىن بۇيان،

 ھىس قىلدىممەن بەختىم كەلگەندەك.

چىرايىڭدىن گۇل خىجىل ئەمما.

گۇل چىغىدا خىجىل بولغاندەك.

 

 تۇنجى كۆرگەن شۇ كۈندىن بۇيان،

 ئۇيقۇ قاچقان مىنىڭ كۆزۇمدىن.

 سۈرەتلىرىڭ مەن ئۇچۇن ئىلھام،

 سۆيەمسەن دەپ سورار ئۆزۇمدىن.

 

 تۈنجى كۆرگەن شۇ كۈندىن بۇيان،

 يانغان ئىدىڭ قەلبىمدە چىراق.

قالدىم يالغۇز سەن كىتىپ تەنھا،

تۇرۇپ قالدىم كەينىڭدىن ئۇزاق.

 

 پوسكام 14- 12 - 2015





136 قېتىم كۆرۈلدى ئەزىز ئەركىن ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-16 3:10:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ