شېر كەيىپ بالا
مەمەتجان ئابدۇكېرىم (رەڭسىز )
بۈگۈن كەچ,
باشقىچلا تۇيۇلدى دۇنيا ,
ئاپئاق قار ئايلاندى گۈلگە,
ياپراق ئۈندى قاقشال كۆڭۈلگە ·
-كەل
قۇيغىن شاراپ
-مەنمۇ مەس بولاي,
سۆيۋىلاي مەڭزىگە ·
كەل مەيدەمگە ئۇر ,
-تىللا ھارغۇچە,
قۇللا تالغۇچە .
كەل سۆي لېۋىمگە,
-ھاياجان بىلەن
لەۋلە قانغۇچە ·
-كۇپايە ماڭا
ئاپئاق قار چۈشكەن بۇ كېچە·
كەل بوينۇمغا ئېسىل ,
مېنىڭ ئوغلۇمدەك ,
كۆرۈندۇ ھەممە خىيالدەك·
-ۋاھ···
مەس بولۇپ قاپتۇ بۇ دۇنيا ,
مايماق دەسسەپ يۇرەر بىنالار ,
ناخشا توۋلاپ . . .
گۈلسەيدىخاننى ياكى بورانلىق كىچىنى,
كەتتى قوغلاپ
- شىر كەيىپلىكنى ·
كەل جىنىمغا قېتل ,
يات كۆرمەيدۇ سىنىڭ تىنىڭنى ,
ئاز قالغان بولسىمۇ ھايات ,
ئىلىپ كەتسۇن سىنىڭ مىھرىڭنى ,
مايماق دەسسەپ ·
-يەنە
ناخشا توۋلاپ
تاماكا ئىسىدەك
-ئەتراپقا تاراپ ·
-يەنە
قۇيغىن شاراپ
مەنمۇ مەس بولاي ,
-شىر بولاي
كۆكتە ئۇچاي ·
گۈزەل دۇنياغا ,
تار كوچىلارغا ,
مەنمۇ ئىز سالاي ,
قىڭغىر دەسسەپ .
.............
- رەڭسىز
2016-يىلى 12-ئاينىڭ 8كۈنى
-كەچ
| 65 قېتىم كۆرۈلدى | ragsiz | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-2-17 16:12:19 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|