ئەركىنلىك ناخشىسى
مىسىران
ھىچ بىر ئىشلار قالمىدى ئەمدى ئازاپلانغۇدەك،
ھەم قالمىدى شىرىن تۇيغۇ خۇشال بولغۇدەك.
كۆپ چۈشلەرنى كۆردۇق ئەمما كەتتۇق ئويغۇنۇپ،
بىرەر يولمۇ تاپالمۇدۇق ئىز قالدۇرغۇدەك…
سېغىنشنىڭ ئازدۇرشىغا ئەگدۇق ئىرادە،
قايغۇ-ھەسىرەت كۆزلىرىمىز يەتكەن پەللىدە.
نىمجان تىنىمىز يىتەلمىدى، گۈزەل بىر روھقا
ئىلاجىسىز، ئاجىزلىقلار قالدى تەقدىردە.
باشقا-باشقا سۆزلۈكلەرمۇ ئارلاشتى تىلغا،
ئۇنتۇپ كىتىمىز بىر دۇنيانى رومكا تولغاندا.
قەدىر ئۈچۈن بىز كۈتۈردۇق دۇنيانى بەرجەم،
(ئۇلاقچى) ئىزلەپ قايگە بارمىز كۆڭۈل سۇنغاندا
شەھەر قېنى،بىز يولوچى سۇندى ئەينەكلەر؟
ئەتۋىركىنى قويغان ھىلى، يوق سەۋەنلىكتە.
قارا كىچىدە ئۇچىرىماسكەن ئاھ لەۋەن خىيال
پارچە-پۇرات بولدى قايغۇ ھە ئەمدىلىكتە!
ھىچ-بىر ئىشمۇ قالمىدى،ئەمدى ئازاپلانغۇدەك
خۇشاللىقمۇ ھەم يوق ئەمدى بەك تارتۇشقۇدەك.
گۈزەل بولسۇن تىلەك دىگەن، بىر شىرىن نازنىن
كىمىم بولسۇن؟بىھۇشلۇقتەك ھەسىرەت ئالغۇدەك…
59 قېتىم كۆرۈلدى | missran | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-24 2:04:39 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|