مەن ئالاي
ئابدىقەييۇم قاراقاش
بۇ شئىرنى ئۇقۇشتىن بۇرۇن ئەڭ ئاۋال بۇ گىپىمنى ئۇقۇڭ . مەن پۈتۈن ئادەملەرنى بىرتاياقتا ھەيدىمەكچى ئەمەس ، نى ياخشى ئاتا ئانىلارمۇ بار، بۇنى پەقەت جەمىيەتتىكى ناچار ئادەملەرگە قارتىپ يازدىم توغرىسىنى چۈشىنىڭلار !
قىزى چوڭ بولغان خەق ئاڭلاپ قۇيۇڭلار ،
سىلەرگە مەن بۈگۈن بىر جۈملە سۆز قىلاي .
پۇل كىرەكمۇ سىلەرگە ياكى قىزىڭلار ،
قىزىڭلارنى سېتىڭلار بولدى مەن ئالاي .
****
ئەۋىج ئاپتۇ ھەريەردە قىزىنى سېتىش،
توي ئەمەسكەن مەقسىتى پەقەت پۇل تېپىش .
جىم تۇرۋالماي سۈزۈمگە جاۋاپنى ئېيتىش،
قىزىڭلارنى سېتىڭلار بولدى مەن ئالاي .
****
چوڭ بوپ قاپتۇ قىزىڭلار يېشىغا يىتىپ ،
يات ئۇغۇلنىڭ كەينىدىن يۈرمەكتە كىتىپ.
مۇھاببەتتىن ئەسەر يوق كۈڭۈل خوش ئىتىپ ،
قىزىڭلارنى سېتىڭلار بولدى مەن ئالاي .
****
ئىمان ئەخلاپ گىپى يوق تويلۇقنىڭ گىپى،
پۇلى بارغا قىزىنى بىرىشنىڭ ئېپى .
ئىش كەلمەيدۇ قۇلىدىن قىزى نان قېپى ،
قىزىڭلارنى سېتىڭلار بولدى مەن ئالاي .
****
قىزچاقلىرمىز ئولتۇرار قېرى قىز بۇلۇپ ،
پاك مۇھاببەت گۈلىمۇ كىتىپتۇ قۇرۇپ .
يىگىتلىرمىز ئۈزىنى زىناغا ئۇرۇپ ،
پۇل كىرەكمۇ سىلەرگە بولدى مەن ئالاي.
****
ئوخشاپ قاپتۇ بۇ تويلار ئىشەك ساتقانغا ،
نىي نىي تويلار بۇزۇلدى بىرتال يوتقانغا .
ئادەم دىگەن باي بولماس پۇللا تاپقانغا ،
قېزىڭلارنى سېتىڭلار بولدى مەن ئالاي .
****
بويتاقلىقنى ياخشى دەپ يۈرگىنى بىلەن ،
ئەسلى گەپنى چۈشەنسە تويلۇق يوق ئىكەن .
ئاتا ئانا شۇلارنى بىلىپ تۇرسىكەن ،
قىزىڭلارنى سېتىڭلار بولدى مەن ئالاي .
****
تەس باقامىش قىزىنى دىيىشچە ئۇلار ،
شۇنىڭ ئۈچۈن تويلۇقنى يۈزمىڭدىن قۇيار .
ھەيران قالدىم ئۈزەمچە ساراڭمۇ بۇلار،
قىزىڭلارنى سېتىڭلار بولدى ممەن ئالاي .
****
كىرەك بولسا سىلەرگە پەقەت شۇ پۇللا ،
قانچە دىسەڭ بىرىمەن مەندە پۇل تۇلا .
سۆزلىرىمنى توختىتاي ئەمدى بولدىلا ،
قىزىڭلارنى سېتىڭلار بولدى مەن ئالاي .
| 97 قېتىم كۆرۈلدى | mactana | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-19 8:27:59 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|