دادام - تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى)

 دادام

تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى)


جان دادام شاھ دادام پادىشـاھ دادام،
سىز بولغــاچ شاتلىنار يۈرىكىم دادام،
تاغ دىسەم تېغىمسىز باغ دىسەم بېغىم،
ئۇلۇغلۇق بېتىدە تەڭـداشـســز دادام،

بەللىرى ئىگىلگەن قــــولى قاپارغان،
قۇندۇزدەك چاچلىرى قاردەك ئاقارغان
جاپاغا چىدىغـــان تاشلاپ قاچمىغان،
مىھنەتكەش جاپاكەش مىھرىبان دادام،

يىگىتلىك قامىتى خورىغــان تۈگكەن،
بالام دەپ بىر ئۆمۈر غېمىم يەپ ئۆتكەن،
ھاياتتا ساناقسىز دەرت ئەلەم يـۈتكەن،
تىرىشچان غەيرەتلىك ئاقكۆڭۈل دادام،

ۋىجدانى ھەمراھتۇر ھايات يـــولىغا،
ساختىلىق ئارلاشماس نـازۇك دىـلىغا،
ھارامنى سۇنماس ئۇ زىنھار قـــولىغا،
ۋىجدانلىق خۇشچىراي مەردانە دادام،

         --تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى)
         ----2016-07-09ئۈرۈمچى
     





28 قېتىم كۆرۈلدى تۇنساگۇل ئىسمائىل ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-7-28 0:00:20  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ