ياشايمەن

ياشايمەن

 

ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى

 

ئۇنتالمىدىم شەربەت لېۋىڭنى ،

 سېنى ھەرچاغ ئەسلەپ ياشايمەن.

 بىر دەملىك بەخت ،  يۈز يىللىق قايغۇ ،

 قايغۇ ئىچىدە تىترەپ ياشايمەن .

 

 ساڭا ئاسي بۇلمايمەن مەڭگۈ ،

 ئۆزگىلەردىن باتناپ ياشايمەن .

«قويۇلسىمۇ جاممىغا زەمزەم »

جېنىم سەنسىز ئۇسساپ ياشايمەن .

 

 سەن ھاياتىم ، بەختىم سەن مېنىڭ ،

 سېنى ھەرچاغ بار دەپ ياشاىمەن .

 سۆيمىسەڭمۇ ، سۆيىدۇ دەپ ھېھ ،

 ئۆز- ئۆزۈمنى ئالداپ ياشايمەن .

 

 قارمىقىڭغا چۈشكەن بېلىقمەن ،

 كۆلچىكىڭدە يايراپ ياشايمەن .

بۇلبۇل كۈيى ساڭا بىكىرەك ،

 مەن بۇلبۇلۇڭ سايراپ ياشايمەن .

 

 ئۈمىد بىلەن كەينىڭگە چۈشتۈم ،

سەندىن كۈڭۈل سۇراپ ياشايمەن .

 « ئەققىدەمگە قىلىچ ئۇرساڭ ئۇر »

 مەن گۈلگە ، گۈل ئۇلاپ ياشايمەن .

 

 2015-يىل تاشقۇرغان





203 قېتىم كۆرۈلدى ejran ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-19 22:32:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-4-23 10:26:48 ئ‍اتەشى
رەخمەت قېرىندىشىم . مەنمۇ تىرىشىمەن .
2016-4-18 13:09:38 ئ‍اتەشى
رەخمەت سېزگە
2016-4-9 19:52:53 -شاۋگۈنى
ياقتۇردۇم، داۋاملىقداۋاملىق تىرشىڭتىرشىڭ ئ‍ىنىم!
2016-4-9 19:52:52 -شاۋگۈنى
ياقتۇردۇم، داۋاملىقداۋاملىق تىرشىڭتىرشىڭ ئ‍ىنىم!
2016-4-9 14:21:23 -شاۋگۈنى
بۇ شېئىرىڭنىشېئىرىڭنى ياقتۇردۇمياقتۇردۇم ،تېخىمۇتېخىمۇ تىرىشىڭ،،،
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ