بىلىپ قال
💘ئاي تۈرك💘
مەڭگۈلۈك دەپ ھايات يولۇمدا،
ۋەدە قىلغان ساڭا بىلىپ قال!
سەنمۇ ماڭا ۋەدىلەر بەرگەن،
مۇقەدەستۇر نىكاھ بىلىپ قال!.
ۋەدىلەرنى چىن ئاداققى دەپ،
ئىشەنگەنمەن ساڭا بىلىپ قال!.
پاسىبانىم ئىدىڭ كۆڭلۈمدە،
سەن يىگانەم بۇنى بىلىپ قال!.
سەن بولغاچقا كۆڭلۈم تۆرىدە،
پۈتۈن ئىدى كۆڭلۈم بىلىپ قال!.
كۈلۈپ باقار ئىدىم ھاياتقا،
سۆيگەچ دىلدىن سېنى بىلىپ قال!.
ھايات گۈزەل ئىدى مەن ئۈچۈن،
ئىشەنچ بىلەن باققاچ بىلىپ قال!.
مۈشكۈلاتلار توسالماس يولۇم،
ئاتەش قەلبىم يانغاچ بىلىپ قال!.
سۆيگۈ بولغاچ دىلىمدا ھەرۋاق،
بەخىت ئىچرە چۆمگەن بىلىپ قال!.
يېڭەلمىگەن نى-نى مۈشكۈلات،
قەددىم رۇسلاپ يۈرگەن بىلىپ قال!.
چۈنكى ياندا يۆلەنچۈگۈمتىڭ،
مەدەت بەرگەچ سۆيگۈ بىلىپ قال!
مەن ھەممىنى تەسەددۇق ئەتكەن،
سەن ھاياتىم دىگەچ بىلىپ قال!.
نە سەۋەپتىن جۇدۇن ئۇچۇردۇڭ،
گۈلشەنلىرىم خازان بىلىپ قال!،
بەجايىكى يۈرەك ئۈششۈكتە،
ياپراق كەبى تىترەر بىلىپ قال!.
كۆزلىرىمدىن سىرغىيدۇ تامچە،
ئەلەم يېشىم مارجان بىلىپ قال!،
خەستە دىلىم، ئۆرتەيدۇ ھەسرەت،
داغدا قويدۇڭ مەڭگۈ بىلىپ قال!.
مەن شۇندىمۇ كەچۈردۈم سېنى،
ئىنساپ تىلەپ يەنە بىلىپ قال،!
ئازار بەرمە نازۇك بۇ كۆڭۈل،
بىر چېقىلدى يۈرەك بىلىپ قال!
كۆتىرەلمەس مىسقال زەربىنى،
ئۇ چېقىنغان چاقماق بىلىپ قال!
كۇكۇم تالقان قىلىدۇ سېنى،
ھەزەر ئەيلە ئۆزۈڭ بىلىپ قال!
2017-يىلى 8-فېۋرال
30 قېتىم كۆرۈلدى | ayturk | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-9 22:49:54 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|