زىرىكىش
-رەخمەت ئابدىرىشىت
نىمەئامال مىنىڭدە سەن كۆڭلۈڭنى بەرمىسەڭ،
يەنە سىنىڭ ئالدىڭغا سۆيگۈ ئىزلەپ بارامدىم ؟
پارە قىلدىم يۈرەكنى سىنىڭ ئۈچۈن تالاي رەت،
ئىشەنمىسەڭ سۆزۈمگە مەن باغرىمنى يارامدىم؟
ئازار يىسە يۈرۈگۈم كۈلۈپ يۈردۈڭ قارىماي،
شۇنداق تۇرسا مەن ساڭا خىجىل بولماي قارامدىم ؟
ساڭا كۆيدۈم نەچچە يىل بىپەرۋالىق ئۆزۈڭدە ،
سىنىڭ ئىشەنچەڭ ئۈچۈن بۇ كۈنلەرنى سانامدىم؟
توغرا سۆيگۈ يوللىرى ئەگرى تۇقاي جاپالىق،
مەن بۇ يولنى سىنى دەپ قايتا-قايتا باسامدىم؟
سىنى دەپ مەن ھىلىمۇ قارىمىدىم ياتلارغا،
ئەرزىمەس شۇ قەلبىڭگە يەنە سۆيگۈ چاچامدىم ؟
بىپەرۋالىق چوڭچىلىق سىنىڭ بىلەن تۈگۈسۇن ،
تۈگىمىسە قۇرال ئەپ ئۈزۈم ئۈچۈن ئاتامدىم ؟
بولدى سەنلا كىتىۋەر چەبدەس بۇلۇپ بۇ يولدا،
يەنە ساڭا ئالدىنىپ نوختا سالساڭ چاپامدىم ؟
| 142 قېتىم كۆرۈلدى | rahmat | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-2-13 12:54:26 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|