كەچۈر
(تۇيۇق)
مۆمىنجان مۇھەممەدئىمىن
ئۆزۈمنى كەچۈرۈشتىن ئاۋال ساڭا كەچۈرگىن دېگۈم كەلدى . مىنى كەچۈر .
قەلبىمدىكى ۋەيرانىچىلىقنى سەن كۆرەلمەيسەن ، شۇنداقتىمۇ سەندىن ئەپۇ سورىغۇم كەلدى . ھەممە ئىش گۈزەل بولىدۇ دەپ ئويلاپ ، يوپۇرماقلارغا ، تاملارغا ، ھەتتا سەن بېسىپ ئۆتكەن يوللارغىچە سىنىڭ ئىسمىڭنى يېزىپ، مېيىقىمدا كۈلەتتىم . كېچىلىرى چاقناۋاتقان ھەممە يۇلتۇزنى ساڭا ئوخشۇتۇپ، ئۇزۇندىن ئۇزۇن مۇڭدىشىپ چىقاتتىم . كۈندۈزلىرى كۆزۈمنى ئازراقلا يومۇپ قويساممۇ ئۇيقۇغا كىتىدىغان مەن ئاشۇ قىسقىغىنە ۋاقىتتا تالاي چۈشلەرنى كۆرەتتىم، ئۇنىڭدا سەن بولاتتىڭ . ئىشقىلىپ ھەر ئىشلار بولاتتىيۇ، نەتىجىدە بەرىبىر بولۇپ چىقاتتى ، لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۇ ئىشلارنىڭ بولىۋىرىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم .
راستلا كەچۈرگىن . ھەممە نەرسىنى گۈزەل دەپ ئويلىۋالىدىغىنىمنى، ئۆزۈمنى شۇنچە قەيسەر چاغلىۋالىدىغىنىمنى، ھەممە ئىشقا ئۈمىد بىلەن قاراپ، كۈلۈپ ياشاۋاتقىنىمنى كەچۈرگىن . ھەمىشە ئۇخلايدىغىنىمنى، توختىماي خاتىرە يازىدىغىنىمنى كەچۈرگىن ، بارچە ئۈمىدنى سەندىنلا كۈتكىنىمنى ھەم كەچۈرگىن . ئۈمىد كۈتىۋىرىپ، ئۈمىدنىڭ نىمىلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغىنىمنى ، سۆيىمەن دەپ ئاخىرقى ھىسابتا قەلبىڭدە نەپرەتنىڭ بىخلىرىغا سۇ قۇيۇپ سالغىنىمنى كەچۈرگىن .
مىنى كەچۈرگىن . مەن ئەمدى يىغلاشنى ، يېقىلىشنى ، ئۈمىدسىزلىنىشنى ، يالغۇز قېلىشنى ، كېچىسى ئۇخلاپ، كۈندۈزى ياشاشنى ئۈگىنەي . دۇنيادا سەندىن بۆلەك يەنە ئۆزۈم بارلىقىنى ، ئۆزۈمنى تونۇشنى ۋە ئۆزۈمنى سۆيۈشنى ئۆگىنەي . ئۈمىدسىز قالغىنىمدا سىمالىرىڭنىڭ تەسەللىي بىرىشىنى ، قىسقىسى سىنى كۈتۈشنى ئەمەس ، ئۆزۈمگە ئۆزۈم يىغلاپ، ئۆزۈمگە ئۆزۈم پىچىرلاپ، ئۆزۈمگە ئۆزۈم جاۋاپ بولۇشنى ئۆگىنەي .
ھەئە، مىنى كەچۈرگىن ، كەچۈرۈم سوراشقا كىيىن قالغىنىمنى ھەم كەچۈرگىن ، بىراق شۇ مىنى كەچۈرگىن . باشقىنىمۇ كۈتمەيمەن، خالىساڭ سۈكۈت قىلغىن، گەپ قىلما . خالىساڭ كەتكىن، قايرىلما . بىراق ئاخىرقى ھېدلىرىڭدىن مىنى كەچۈرگەنلىكىڭدىن بىر خەۋەر بەرگىن ئاندىن مەن ئۆزۈمنى كەچۈرەي .
2017.3.27
| 129 قېتىم كۆرۈلدى | مۆمىنجان مۇھەممەدئىمىن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-31 0:16:50 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|