سۆيگۈ نىداسى

  سۆيگۈ نىداسى                  


ئابدۇرەشىت ئابدۇكېرەم


كەل يارىم،كەل نىگارىم قەلبىڭدە ياناي،

گۈل بېغىمدىن گۈللەر تىزىپ ساڭا تۇتاي.

پەرۋىش قىلىپ سېنى دىل سۆيۈمدە سۇغۇراي،

باغىڭ ئارا بۇلبۇل بۇلۇپ خەندان ئۇراي.


 ئىشقى مۇھەببەت ئىنسان بەختىنىڭ تەختى،

شاھلار تەختىمۇ تەڭ بولالماس ئۇنىڭغا.

شېرىن مىۋىسىدىن ئىچىلار ئۇنىڭ بەختى،

قەدىرلىسەڭ يېتەرسەن ئاخىر ئۇنىڭغا .


ياڭرىدى شۇڭا قەلبىمدە سۆيگۈ نىداسى،

گۈللەرگە پۈركەندىم شۇندا خۇشپۇي داۋاسى.

كۆرگەندە بولدۇم شۇ گۈلنى تۈنجى مەستانە،

لىكىن بولدۇم پىنھاندا مۇھەببەت شەيداسى.


ئالەمگە پاتمايتى قەلبىم كەڭرىپ كۈي چىلىپ،

تىپچەكلەيتى تۇرمايتى ھەر-ياندا بىخ ئۇرۇپ.

شاتلاندى شۇڭا جىسمىم،كۈلدى چىچەكلەپ،

 سۆينەتتىم ھەم شاتلىنىپ ئۇندىن ھۇزۇرئىلىپ.


ئەۋجىگە چىقماقتا خىياللىرىم غۇربەتتە،

ۋۇجۇدۇم دۇمباق ئۇرۇپ تۇرىدۇ ئەلبەتتە.

نە قىلاي، ئەمدە بۇ ھەسرەت نادامەتنى،

پىنھاندا يۈرمەك بولدۇم پەرىز،مالامەتتە.


يەتكۈزۈپ بولمايتى نىدايىمنى گۈلىمگە،    

 لىكىن بۈلدۈرۈپ قويماق سۈننەت ئىكەن ھەمدە.

دۇنيا قىسمىتى شۇنداق،بىرى تۈندە،بىرى تاڭدا،

تاۋلىنىپ يەتسە ھاشىقلار شۇندا مەخسەتكە.


ئاينى ئايدىڭ دىمەڭ،ھۆسنى-خۇلقى ئۆزىدە،

كىچىلەرنى يۇرىتقان ئۇ،ئۆز پەسلىدە نۇرىدە.

ئالەمگە بەخىش ئەتتى شۇندا ھۆسنى بىلەن،

چولپانلار تاجىسى ئۇ، بۈلدۈرۈپ رۇخسارىدە.


بەردى شۇڭا ھاياتتا، نىھمەتلەرگە ھۆسۈن ئۇ،

نۇر چىچىپ رەڭ بىرىپ قوشتى شۇنداق ھۆسۈن ئۇ.

سەيلە قىلىپ ئالەمنى يۇرۇتقاچقا شۇنداق ئۇ،   

نۇرلاندۇردى مىھرىدە،بارچە ئالەم سۈيۈپ ئۇ.    


ئەمدى كەلدۇق مەخسەتكە،شېرىن ئايمۇ نۇر چىچىپ،

بەردى بىزگە مىھرىنى ئوت قوياشتەك كۆيدۈرۈپ.

شېرىن-تاتلىق ھۆسنى بار،گۈزەللىكتە قەلبىدە،    

بارچە ھىممەت مىھرىدە، يالقۇنلايدۇ جىھرىدە.       


ئاي دىسەكلا ھەممىنى ئاي ئەمەستۇر ھەممىسى،

ئاتاق شۇنداق بولسىمۇ يوقتۇر ئۇنىڭ قىممىتى.

 قوش ئۈنۈملىك ساپالىق،يوقتۇر ئۇنداق خۇلقىسى،

ناز،كەرەشمە خۇلقىدە يۈرسە شۇنداق بارچىسى.


گۈزەللىكتە يەتمىدى شېرىن ئايغا ھەممىسى ،

تۇلۇن ئاي بۇلۇپ خىجىل ياپتى شۇندا يۈزىنى.

پەزىلەتتە يېتىلگەچ بولدى شۇنداق شېرىن ئاي،

 شېرىن ئايغا ھاشىق مەن،قىلسام ئۆزگە رىشتىنى.


  جەپ چىرايلىق قويۇلغان جىسمىڭىزغا ئىسمىڭىز،

شېرىنلىكتە ھۆكمىڭىز،نۇر چاچىدۇ جىھرىڭىز.

 ئايمۇ نۇرلۇق ئەمەستەك،دايىم شۇنداق جىلۋىڭىز،

  زىلال ئايدەك ھۆسنىڭىزدىن كۆيدۈرەر قەلبىڭىز.


 خوش ھىدىڭدىن مەس بۇلۇپ دۈپۈلدەيدۇ قەلبىمىز،

ئاي يۈزىڭنى كۆرگەندە سالقىنلايدۇ قەلبىمىز.

 ھۆسنە-خۇلۇق تىلىڭدە قۇۋەت بەردى شېرىن ئاي،

مەڭگۈ شۇنداق ئۆتەرمەن پىنھاندا مەن شېرىن ئاي.


كۆز يېشىممۇ پىنھاندا بىلمەي يۈردىڭ شېرىن ئاي،

شۇنداق قىلماي بولمايدۇ بەخىت تېپىڭ شېرىن ئاي.

باھارىڭىز كۆكلىسۇن ئۈمۈت شۇنداق شېرىن ئاي،

توزىماستىن چىچەكلەپ ھىممەت تېپىڭ شېرىن ئاي.


ئازغۇنلاردىن بولماستىن گۈللەپ ياشناڭ شېرىن ئاي،

كەلگۈسىدە پۇرەكلەپ بەھرى بىرىڭ شېرىن ئاي.

گۈزەل ئەخلاق نەپسىڭىز بولسۇن ھەمرا شېرىن ئاي،

شۇندا پارلاپ نۇر چىچىپ،بۇلۇڭ مەڭگۈ تولۇنئاي .


ــــ تولۇقلاپ قايتا يېزىلدى


.2015-يىلى 6-ئۆكتەبىر







245 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-6 19:18:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ