«بوۋام ئېزى»
سېراجىدىن جەۋلانى
قۇلاق سېلىڭ سۆزۈمگە مىنىڭ ،
جەۋلانى ياشار مەردۇ مەردانە .
ياشاپ ئۆتكەنغۇ بوۋىمىز مەھمۇد،
قالدۇرۇپ نۇرغۇن ئېسىل دۇردانە.
----------------
ئون ئەسىر بۇرۇن ياشاپتۇ بوۋام،
ئۇنتۇماي ئۇنى ئەسلەيمىز ھامان.
ھالا بۇ كۈنلەر كەلگەندە بۈگۈن،
سۈزۈك ئاسماننى قاپلىدى تۇمان.
----------------------
سۆزلىسەڭ ھەقنى بىلىم پەلسەپە،
ساڭا پۇتاقچى تېرىقچى تەييار.
قوللىماي ئەسلا قوغلىشار ھەسەت،
نام ئاتاق شۆھرەت بولدىغۇ ھەييار.
---------------------
دېدىم ئۆزۈمگە قىلدىم خىتاب،
جەۋلانى ياشا ئادەمدەك ياشا.
قەددىڭنى رۇسلا سۆزلىگىنىڭ ھەق،
توختىماي جەۋلانى ئوغلاندەك ياشا.
-------··-·-···
باشقىلار ئاۋارە كۆرسېتىپ ئۆزىنى،
يەنە قالدىغۇ كۆرۈنمەي ئاخىر.
ياشىغىن جەۋلانى كۆرۈنمەي ياشا،
كەتسەڭمۇ كۆمۈلۈپ سۈزۈلمەي ئاخىر.
-------------------
ياشىغانتى بوۋىمىز مەھمۇد قەشقىرى،
كۆرۈنۈپ ئەمەس كۆمۈلۈپ شۇنداق.
لېكىن بىزلەرگە يەتتىغۇ ئىزى،
كۆمۈلۈپ ياشاپ كۆرۈنۈپ شۇنداق.
| 154 قېتىم كۆرۈلدى | سېراجىدىن جەۋلانى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-8 10:20:10 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|