ئىككى شېئىر
ئوبۇلقاسىم ئۆمەر (شاھزادە )
ئاتا، ئىگلمە
ئىھ، ئاتا بەللىرىڭ يادەك ئىگىلدى،
بولدى قىل جان ئاتا ئەمدى ئىگىلمە.
بىر ئۆمۈر سەن ئۈچۈن ھاسسا بوپ ئۆتەي ،
مەردانە ،تىك تۇرغىن ھەرگىز ئىگىلمە.
مەن ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۆپ جاپا تارتتىڭ،
لىكىن سەن تىنىمدە قۇۋۋەت يوق دىمە.
مەيلى مەن تىنىڭنىڭ قۇۋۋىتى بولاي،
لىكىن سەن تىك ياشا، زادى ئىگىلمە.
ئىگلدىڭ ،ياشىدىڭ كۆپ ۋاقىت ئۆتتى،
ئەمدى سەن شۇ ئىشقا يەنە چىگىلمە.
ئارام ئال ئەي ئاتا قىلاي مىڭ خىزمەت ،
روھلۇق بول جان ئاتا مەڭگۈ ئىگىلمە.
ئويلىسام جان ئاتا بەختىم ئىكەنسەن ،
شەۋكىتىم،شۆھرىتىم،تەختىم ئىكەنسەن .
ئىگىلمە جان ئاتا كۆرگىن ساداقەت ،
ئىزلگەن بايلىقىم،ۋەسلىم ئىكەنسەن .
جاپاغا قۇل بولغان كۈنلەرنى تاشلا،
ئارام ئال راھەتتە ،ئاتا ئىگىلمە.
جاپانى ئەمدى تارتاي سەن ئۈچۈن ،
ھەركۈن ھەرسائەتتە،ئاتا ئىگىلمە.
شاھزادە ئىجادىيىتى 13699318233
رۇخسەتمۇ ؟
رۇخسەتمۇ نىگارىم سىنى سۆيۈشكە ،
سىغىنسام ھەرۋاقىت ئىزلەپ كۆرۈشكە .
سەن سۆيسەڭ يىنىڭدا پەرۋانەڭ بولاي،
رازىمەن سەن ئۈچۈن ھەتتا ئۆلۈشكە .
رۇخسەتمۇ نىگارىم بىلسەم سىرىڭنى ،
چىن سۆيگۈ ئىزلىگەچ كەزسەم دىلىڭنى .
يىراقلاپ كەتمىسە شۇ ئوماق كۈلكەڭ،
ئاڭلىسام كۈندە مىڭ،مىڭ رەت ئۈنۈڭنى .
رۇخسەتمۇ نىگارىم باقسام كۆزۈڭگە ،
لەۋ يىقىپ سۆيسەممەن ئوتلۇق لىۋىڭگە.
مەن سىنى تاللىدىم مەڭگۈلۈك ئۈچۈن،
ئىرىشسەم دەيمەن چىن مۇھەببىتىڭگە .
رۇخسەتمۇ نىگارىم چەكسەم دىلىڭنىڭ،
تارىنى مۇڭلۇق كۈي سازلىرىم بىلەن.
خالىسا شۇ قەلبىڭ مىسكىن يۈرەكنى،
ئالغىن بۇ كۆڭلۈمنى نازلىرىڭ بىلەن .
رۇخسەتمۇ نىگارىم ئالسام قولۇمغا ،
سەندىكى يۈرەكنى جۈپلەپ يۈرەككە.
مەن سىنى ئىلھامىم،ئارمانىم قىلىپ،
قاتساممەن ناخشامغا قاتسام تىلەككە .
رۇخسەتمۇ نىگارىم چىن سۆيگۈ بىرىپ ،
شاد قىلسام شۇ مىسكىن يۈرەك ،دىلىڭنى .
سەن ئۈچۈن بارىمنى ئاتاپ تائەبەت،
بىلسەم مەن دەرد-ئازاپ ھەم سىرلىرىڭنى .
رۇخسەت قىل نىگارىم ھەركۈنى ئاخشام ،
يىتەيمەن يادىڭغا ،چۈشىڭگە كىرەي .
ئاينى ھەم يۇلتۇزنى گۇۋاھچى قىلىپ،
بىر ساڭا يۈرەكتىن چىن سۆيگۈ بىرەي .
مەيلى مەن ئىشقىڭدا تائەبەت كۆيەي،
ۋەياكى جان بىرىپ سەن ئۈچۈن ئۆلەي.
سەنمۇ ھەم بىر مىنى سۆيگىن دىلبىرىم ،
رۇخسەت قىل مەن سىنى مەڭگۈگە سۆيەي.
شاھزادە ئىجادىيىتى 13699318233
63 قېتىم كۆرۈلدى | ئوبۇلقاسىم ئۆمەر (شاھزادە ) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-29 10:34:07 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|