تەنھا 
مۇھەممەتجان ئەخەت (پېقىر) 
تەڭ كېچە چۈشلۈرۈم يىغلايدۇ سەنسىز ، 
 سەھەردە قۇياشنى كۈتىمەن تەنھا . 
گۈللەرمۇ كۆزۈمگە چېلىقتى رەڭسىز، 
شاراپنى شاتلىق دەپ يۇتىمەن تەنھا .
ھاپىزلار توۋلايدۇ تالاي ناخشىنى، 
ئۆزلىرى چۆللەردە ئاقىدۇ  تەنھا. 
تىلىمە تاپقىن دەپ مەندىن ياخشىنى ،
قەلبىمدە سىمايىڭ ياتىدۇ تەنھا.  
2017-يىلى 6-فېۋرال (دۈشەنبە)
      
| 542 قېتىم كۆرۈلدى | pekir | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-31 20:30:26 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
| 2017-4-1 23:11:06 | muitallip | 
| bakmu yahxi yeziliptu | |
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |