گۈل باھارىم بار ساڭا

‏‏گۈلباھارىم بار ساڭا

 

 ‏باھارگۈل ئىبرايىم

 

 ‏سەن مىنى قۇل چاغلىساڭ، نىسىپ بولغاي ھۆرلۈك ساڭا،

‏گۈل ئەمەس يەر چاغلىساڭ، ھەمراھ بولغاي رەيھان ساڭا.

 

 ‏بىلمىدىڭ سەندىن بۆلەكنى كۆرمىدىم سەندىن ئەلا،

 ‏نىمە دىسەڭ مەيلى مىنى يار بولغاي «خانلىق»ساڭا.

 

 ‏ ‏سەن مىنى يەر چاغلىساڭ،ئاتا بولسۇن پۈتۈن ئالەم،

 ‏تەلمۇرگەي بارچە جانلىقلار يۇلتۇزدەك چاقناپ ساڭا.

 

 ‏ئاھ ئۇرۇپ ھىجرانلاردا بۇچلانسىمۇ باغرىم مىنىڭ،

 ‏بارچە ئەلەم ماڭا بولسۇن، بارچە خوشاللىق ساڭا.

 

 ‏ ‏ۋۇجۇدۇم كۆيمەكتە ئوتتا، يالقۇنى گويا مەشئەل،

 ‏ئارزۇلار ئارا ھەردەم، تىلەيمەن سۇلتانلىق ساڭا.

 

 ‏يۈرىكىم ياشنار مىنىڭ، بولساڭ ئەگەر يانىمدا سەن،

 ‏بىمار دىلغا ئاراملىق بەر، پۈتسە لوقمانلىق ساڭا. ‏

 

 ‏ئەقىدەم پاك بولغاچ مىنىڭ، سۈيگەن ئىدىم چىن دىلدىن،

‏ئىزتىراپ چەكسىمۇ يۈرەك، گۈلزارىم تەقدىم ساڭا.

 

 ‏نۇمۇسۇمنىڭ بەرگى گۈلدۇر، شۇڭا مەنمۇ گۈلباھار،

 ‏ساداقىتىم، مىھرىم بىلەن، گۈلباھارىم بار ساڭا.

 

2015-يىل30-ئاۋغۇست باي





136 قېتىم كۆرۈلدى ehsanay ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-5 2:11:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ