ئ‍ەيدىز بوپ قالدىم (شېئىر) - قۇندۇزئاي

ئ‍ەيدىز بوپ قالدىم (شېئىر) 

 قۇندۇزئاي


دۇنيا قارا، يۈرۈكۈم قارا،

كۆزئالدىمدا يوللىرىم قارا.

پىچاق يېدى بۇ قەلبىم يارا.

مەن تۇيۇقسىز ئ‍ەيدىز بوپ قالدىم.


خوشال يۈرگەن بەختىمىز كۈلگەن،

پەرزەنىتلىرىم بەختىيار ئ‍ۆسكەن،

مەندىن مېھىر ئ‍ۈمىدلەر كۈتكەن،

شۇ كۈنلەردە ئ‍ەيدىز بوپ قالدىم.


بولسۇن قانداق ياشاشقا رايىم،

ۋەيران بولدى يوقۇم ھەم بارىم،

بولدى ماڭا قىيامەت قايىم،

مۇشۇ دەمدە ئ‍ەيدىز بوپ قالدىم.


يۈرمەس ئ‍ىدىم ئ‍ويۇن كۈلكىدە،

ئ‍الدانماستىم شەيتان تۈلكىگە،

گۇناھىم يوق پاكمەن ئ‍ۆزۈمگە،

ھېچ سەۋەپسىز ئ‍ەيدىز بوپ قالدىم.


ئاتام ئ‍ۇردى ئ‍وڭ تەستىكىمگە،

ئاكام ئ‍ۇردى سول تەستىكىمگە،

مەن گۇناھسىز ئ‍ىشەن سۆزۈمگە،

بىلەلمەستىن ئ‍ەيدىز بوپ قالدىم.


مەندىن تاندى ئ‍ېرىممۇ تولۇق،

ئال خېتىڭنى شەرمەندە بۇزۇق،

ئ‍ۆزىگە ھەق تىللىشى يوللۇق،

 ناھەقچىلىك ئ‍ەيدىز بوپ قالدىم.


نېتەي ئ‍ەمدى ئ‍ۆلۈمدۇر چارەم،

يۈز كەلمەيمەن سىلەرگە پارەم،

ئۇۋال بولدى شۇدۇر پېشانەم،

مەن گۇناھسىز ئ‍ەيدىز بوپ قالدىم.


ئىشەن ماڭا ئ‍ەي ئ‍ەزىزلىرىم،

سۆيگەن يارىم ئ‍ەزىز باللىرىم،

جاندىن ئ‍ەزىز قېرىنداشلىرىم،

مەن بىلمەستىن ئ‍ەيدىز بوپ قالدىم.


سىرلارئاچقان دوكتۇر ئ‍الىملار،

پروففىسور دوختۇرخانىملار،

تاپساڭلارچۇ ئ‍ەيدىزگە داۋا،

خوش ئ‍ەلۋىدا ئ‍ەيدىز بوپ قالدىم.


گۇناھسىز ئ‍ەمما بىمەزگىل دۇنيادىن خوشلاشقان بىر دوستۇمنىڭ يۈرەك سۆزلىرى
     





214 قېتىم كۆرۈلدى kunduzay ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-20 2:15:34  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-6 7:04:40 ئەرچىن
ئۇ دوستىڭىز سز بىلەن خوشلاشتمۇ ؟ سەبىر قىلىڭ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ