ئاياللار
(مېھرىبان ئاياللارنىڭ بايرىمىغا بېغىشلايمەن )
ئويغان
مەيلى ئۆتكەن بولسىمۇ نەچچە ئەسىر زامانلار ،
مەرۋايىتتەك يەنىلا چاقناپ تۇرغان جانانلار ،
بارچە ئوغلان ئەرلەردىن سىلەرگە كۆپ سالاملار ،
تىلەيمىز بىز سىلەرگە سالامەتلىك ئامانلار ،
بايرىمىڭغا مۇبارەك ئەي مېھرىبان ئاياللار .
ئايال دىگەن ئەزەلدىن ئانىلارنىڭ ۋارىسى ،
بالاڭ ئۈچۈن ئۆي ئۈچۈن زېدە يۈرەك پارىسى ،
ئايالىڭغا كۆيۈنگىن سالماي يۈرەك يارىسى ،
بىلسەڭ سېنىڭ ھۆرمىتىڭ ئايالىڭنىڭ سايىسى ،
ھۆرمىتىم بار سىلەرگە ئەي مېھرىبان ئاياللار .
ساداقەت ۋە پاكلىقتا ئاياللار ئەڭ باي ئىكەن ،
تۈن كېچىدە نۇر چاچقان خۇددى تولۇن ئاي ئىكەن ،
ئايال بار ئۆي گوياكى جەننەت كەبىي جاي ئىكەن ،
خوتۇن يوق ئۆي خۇددى بىر جاڭگالدىكى ساي ئىكەن ،
ھۆرمىتىم بار سىلەرگە ئەي مېھرىبان ئاياللار .
ھېرىپ ئېچىپ كەلگەندە تەييار قىلار چېيىڭنى ،
تېخى ياتساڭ سوزۇلۇپ تۇتۇپ قويار بېلىڭنى ،
كەچتە يەنە يۇيىدۇ مەينەت قىلغان كىرىڭنى ،
ياشايدۇ ئۇ بىر ئۆمۈر يەپلا سېنىڭ غېمىڭنى ،
ھۆرمىتىم بار سىلەرگە ئەي مېھرىبان ئاياللار .
كېچىلىرى مەس كىرسەڭ قۇسۇغۇڭنى تازلايدۇ ،
مەينىتىڭنى پاكىزلاپ ئورۇنۇڭنى راسلايدۇ ،
مەسلىگىڭنىڭ دەستىدىن ئۆزى كىرپىك قاقمايدۇ ،
مەسلىكتىكى پەسلىكنى دەپتىرىڭگە يازمايدۇ ،
ھۆرمىتىم بار سىلەرگە ئەي مېھرىبان ئاياللار .
خورەك تارتساڭ كېچىسى خورىكىڭدىن زېرىكمەس ،
جۆيلۈپ كېتىپ كېچىسى ئويغاتساڭمۇ تېرىكمەس ،
سېنىڭ ئۈچۈن ئايالىڭ ھېچ بىر ئىشتىن ئېرىنمەس ،
ئايال بولۇپ يارالسا ئەنە شۇنداق كۈنى تەس ،
ھۆرمىتىم بار سىلەرگە ئەي مېھرىبان ئاياللار .
ئىككى سائەت كۆتۈرسەڭ ھاپاش قىلىپ بالاڭنى ،
ھېرىپ كېتىپ ئەتىسى كۆرسەتمەيسەن قاراڭنى ،
ۋايجان دىمەس ئايالىڭ قىلچە ئالماي ئارامنى ،
كېچە كۈندۈز توققۇز ئاي كۆتۈرۈپمۇ بالاڭنى ،
ھۆرمىتىم بار سىلەرگە ئەي مېھرىبان ئاياللار .
تىكەن كىرسە پۇتقىمۇ ۋايجان دەيمىز قاچىمىز ،
چىدىماستىن ئازاپقا نەچچە كۈنلەپ ياتىمىز ،
ئاياللارنى ئاجىز دەپ ياراتمايمىز بارچىمىز ،
توغۇتتىكى ئازاپنى تارتىپ باقتۇق قايسىمىز !؟
ھۆرمىتىم بار سىلەرگە ئەي مېھرىبان ئاياللار .
ئون سەككىزدە كۆيۈسەن ،جېنىم دەيسەن سۆيۈسەن ،
ئوتتۇز ياشتا ئالىيىپ قاپىغىڭنى تۈرۈسەن ،
قىرىق ياشتا يۈز ئۆرۈپ چوكانلارغا كۈلىسەن ،
ئەللىك بەشتىن ئاشقاندا قەدىرىگە يېتىسەن ،
ھۆرمىتىم بار سىلەرگە ئەي مېھرىبان ئاياللار .
كۆڭلى كۆكسى ئايالنىڭ گويا دەريا بىر ئېقىن ،
سىرتتا ئويناپ يۈرسەڭمۇ سېنى بىلەر ئەڭ يېقىن ،
تاغدەك گۇناھ قىلساڭمۇ خاپا قىلىپ مىڭ قېتىم ،
ئۇنتۇپ كېتەر ھەممىنى سۆيۈپ قويساڭ بىر قېتىم ،
ھۆرمىتىم بار سىلەرگە ئەي مېھرىبان ئاياللار .
قايسى ئاشناڭ قېرىساڭ كۈتەلەيدۇ خوتۇندەك ،
پوقلۇرۇڭنى ئادالاپ تۆكەلەيدۇ خوتۇندەك ،
قايسى ئاشناڭ يىقىلساڭ يۇدەلەيدۇ خوتۇندەك ،
دەرتلىرىڭگە دەرمان بوپ ئۆتەلەيدۇ خوتۇندەك ،
ھۆرمىتىم بار سىلەرگە ئەي مېھرىبان ئاياللار
بۈگۈن بايرام تەبرىكلە خوشال بولسۇن خوتۇنمۇ ،
خىزمەتتىكى ئىشلىرىڭ خوتۇندىنمۇ موھىممۇ ؟
ئىشەنمىسەڭ سەن بۈگۈن ئۇرۇپ باققىن تېلفۇنمۇ ،
بۈگۈن ھەمرا خوتۇنغا ئوباما ۋە پوتېنمۇ ،
ھۆرمىتىم بار سىلەرگە ئەي مېھرىبان ئاياللار .
كۆزلىرىڭدىن چاقنايدۇ پاك قەلىبنىڭ جۇلاسى ،
يۈرەگىڭدە ساقلاغلىق مۇھابەتنىڭ ۋاپاسى ،
ئىزلىرىڭدىن كۆرۈنەر ۋاپادارلىق سىماسى ،
ئەرگە سادىق ئاياللار كائىناتنىڭ لىباسى ....
بايرىمىڭغا مۇبارەك ئەي مېھرىبان ئاياللار ......
مەن بۇنى بارلىق مېھرىبان ئاياللارنىڭ بايرىمىغا بېغىشلايمەن
8-مارت ئاياللار بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن
79 قېتىم كۆرۈلدى | oyghan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-7 3:03:17 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-3-8 7:11:22 | قۇندۇزئاي |
ئاجايىپ بەلەن يېزىپسىز،سىزگە ھەم قەلىمىڭىزگە،بىزنى بۇنچە چۈشەنگەن قەلبىڭىزگە كۆپ رەھمەت،بىرئۆمۈر بەخىتلىك بولغايىسىز |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|