سېنىڭ بىلەن تاتلىق يۇرگۈم بار
ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى تاجىك
مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ،
سېنىڭ بىلەن تاتلىق يۇرگۈم بار !
شاخلىرىڭدىن يۇپۇرماق ئۈزۈپ،
سېنىڭ بىلەن تاتلىق يۇرگۈم بار !
ئۆزگىلەرگە بۆلۈنمەس قەلبىم ،
ھەم باسمايدۇ ئۇرنۇڭنى ھېچكىم .
"جازامدا سەن يېگانە رەسىم "
سېنىڭ بىلەن تاتلىق يۇرگۈم بار !
مەن سۆيگەندە لېۋىڭگە تىترەپ ،
پېچىرلىدىڭ تاشلىمىغىن دەپ ...
ئۆمۈر بويى كۈڭلۈڭنى ئىزدەپ ،
سېنىڭ بىلەن تاتلىق يۇرگۈم بار !
مەن كەچمەيمەن سەنلا كەچمىسەڭ ،
مەن كەتمەيمەن ، سەنلا كەتمىسەڭ .
"قايسى قىزغا مەيلىك بار دىسەڭ "
سېنىڭ بىلەن تاتلىق يۇرگۈم بار !
چىراق بولۇپ يانساڭ مەن ئۈچۈن ،
ئۇتلىرىڭدا كۆيىمەن ئۆزۈم .
ھاھ ! بۇ باشقا كەلگۈچە ئۆلۈم ،
سېنىڭ بىلەن تاتلىق يۇرگۈم بار !
| 49 قېتىم كۆرۈلدى | ejran | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-6-26 19:41:56 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|