ئىزلەيمەن ئۆزۈمدىن ئەسلىمنى پەقەت - مەمەتجان باش كارۋان

 ئىزلەيمەن ئۆزۈمدىن ئەسلىمنى پەقەت


مەمەتجان باش كارۋان


ئىزلەيمەن ئۆزۈمدىن ئەسلىمنى پەقەت،
تاپالماي يۈرىمەن يا ۋەسلىمنى پەقەت.
ئېيتقىنا دىلكىشىم ئەسلىم قايەردە سەن؟
ئىستىكىم تاپماق ئەسلى كەيپىمنى پەقەت.

ئۆتتى يانىمدىن ئەسلىمنىڭ سايەسى،
گاھىدا قىلىدۇ ماڭىلا قول ئىشارىسى.
ئەگەشكىن ماڭا يېتەرسەن مۇرادقا دەپ،
يا بىر يەتكۈزمەيدۇ ۋىسالىمغا پەقەت.

يېتەي دەيمەن غايەمدىكى مەنگە مەن،
يا يېتەلمەي ھەر كۈن ۋە تۈن پايپېتەك.
قاچان تاپارمەن ئۆزۈمدىن ئەسلىمنى،
يېتىش ئارمانىمغا تىلىكىمدۇر پەقەت.

ئۆزۈمدىن ئىزلەيمەن ئەسلىمنى پەقەت،
ياشىشىم مۇقەددەس كەتمىكىم بەرھەق.
كېتەيمەن ئەسلىمنى تاپقاندىن كېيىن،
كەتكۈدەك شۇ سىفەتنى ھازىرلاپ پەقەت.

     





47 قېتىم كۆرۈلدى مەمەتجان باش كارۋان ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-19 22:23:26  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ