چۈشۈمگە كىر

‏‏چۈشۈمگە كىر

 

‏باھارگۈل ئىبرايىم

 

 ‏كىر چۈشۈمگە ئىنتىلگەندە مەن،

 ‏باغاش ئېتەي سورىماي ئۆزرە.

 ‏ئېسىل تىلەكتىن تاقاي بىزەك،

‏شۇ ئېيتىلغان ھەر قەترە سۆزگە.

 

 ‏ ‏كىرگىن قېنى ئۈنسىز، تىۋىشسىز،

‏شايى لىباس ئارتقان لىۋەندەك.

‏مۇڭدىشايلى ئولتۇرۇپ يانداش، ‏

مىسالى گويا ھەسەن-ھۈسەندەك.

 

 ‏ ‏خۇشاللىقنى ئالسۇن سۈرەتكە، ‏

چولپان يۇلتۇز قاراقلىرىدا.

‏كۆڭۈللەرمۇ تاپسۇن تەسەللى،

‏ياشلار تولۇپ چاناقلىرىدا. ‏

 

 ‏ئېسىۋالسۇن ئۈنچىدىن ھالقا،

‏كۆزلەر چۆمۈپ پىراقلىرىغا.

 ‏ياشلار ئەگىپ چۈشسۇن تامچىلاپ،

 ‏سۈيۈپ كۈلگۈن زىناقلىرىغا. ‏

 

‏2015-يىل 30-ئىيۇن باي





175 قېتىم كۆرۈلدى باھارگۈل ئىبرايىم ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-3 0:04:10  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-3 12:44:16 گۇلمىرە
ئنتايىن ياخشى يىزىپتۇ
2015-8-3 11:29:17 mustapa
maga yardi
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ