كېتەي دېگەندە - ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن

 كېتەي دېگەندە

ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن


كۆزۈمنى چاقاتتى ئاتام كۆزىدىكى ئۈمۈد ئۇچقۇنى،
ئۈزۈلمەي سۇزۇلۇپ ئانامنڭ مەڭگۈلۈك مېھىر ئۇپۇقى.
نۇر بۇلۇپ سۇزۇلدى قېرنداشلىرىمنڭ سېخى قوللىرى،
مەن دۇنيادىن ئۈنسىز,شەپىسىز كېتەي دېگەندە.

دوسلۇرۇممۇ يېشنى تۆكتى پۈكۈلۈپ يەرگە تىزلىرى،
ئەزدى دىلمنى ئۇلارنىڭ مۇڭلىنىپ ئېيتقان سۆزلىرى .
تاش كەبى دەرتلىرىمنى كۆتۈرۈپ ئۇيۇلدى ئىزلىرى،
يۈرۈكۈم يۈز ئۆرەلمىدى تاشلاپ كېتەي دېگەندە.

كۈلۈشتى دۈشمەنلىرىم ماڭسام قىيامەت دەرۋازسىغا،
يەتكەندەك بۈركۈت مىسالى ئۇۋا سالغان قىياسىغا.
كۆزۈم يۇمۇپ تاشلىساممۇ ھەممىنى ئۇلار خاھىشىغا،
ۋىجدانىم قويمدى ئۇلارنى كۈلدۈرۈپ كېتەي دېگەندە.

ئارماننىڭ ئوتلىرى توختىماي ھېچ ئۆرتىدى قەلبىم،
ئەگەشكەندەك خۇددى ماڭا سۇندى ھەم قەلىمىم.
سۇنسىمۇ توختىمدى دەررۇ قەغەزگە يازدى قەسىمىم،
ھەممىنى ئۇنتۇپ بۇلۇڭغا تاشلاپ كېتەي دېگەندە.





48 قېتىم كۆرۈلدى abdu4745 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-24 0:53:10  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ