رىستۇران - نادىر ئەسەر

رىستۇران

 

خۇش بولاي دەپ سېنىڭدە كۆڭۈل ئاچتىم رىستۇران ،

 دادام تاپقان پۇللارنى بۇزۇپ چاچتىم رىستۇران ،

كەيىپ بولۇپ ھەممىنى ئ‍ۇرۇپ چاقتىم رىستۇران ،

 جىدەل تىپىپ نەچچە كۈن ئ‍ازاپ تاتتىم رىستۇران ،

 شۇڭا ئ‍ەمدى سېنىڭدىن بەدەر قاچتىم رىستۇران . 

 

 تونۇپ بولماس قىزلارنى چىرايى يوق كۆرگۈدەك ،

 گۈزەل چاغلاپ ئ‍ۆزىنى شېرىن خىيال سۈرگۈدەك ،

 كەيىپلىكتە ئ‍وغۇللار نوچى بولۇپ يۈرگۈدەك ،

قاش -قاپاقنى يېرىشىپ تاياق يىدى ئۆلگۈدەك ،

 شۇ سەۋەپتىن بالنىستتا نەچچە ياتتىم رىستۇران .

 

توشۇپ كەتتى ھەر كىمنىڭ شىرەلەرگە تاۋىقى ،

 ئ‍ېشىپ قېلىپ نۇرغۇنى بولدى ئىتنىڭ تامىقى ،

 تاڭسا بىلەن ئ‍ۇسسۇلغا ئ‍ۈزۈلمىدى چاۋىكى ،

 مۇشۇمىدۇ پەزىلەتلىك ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ،

 شۇڭا سەندىن ئ‍ۆزۈمنى ئ‍استا تاتتىم رىستۇران . 

 

 ئ‍ەل ياتقۇچە ئ‍ۆچمەيدۇ سېنىڭ رەڭدار چىرىقىڭ ،

 ئ‍الداپ ئ‍اتا -ئ‍اناڭنى شۇمۇ سىنىڭ چىنلىقىڭ ،

 ھاراق بىلەن راۋانمۇ سېنىڭ ئ‍الغان تىنىقىڭ ،

 ئ‍ۇيغۇرغا بىر لەنەتتۇر قىلغان ھەربىر قىلىقىڭ ،

 سەندە شەرمى ھايانى ئ‍ۇنتۇپ قايتتىم رىستۇران . 

 

 تاماشىدا ئ‍ۆتكۈزدۈڭ بىلگىن ھەربىر تۈنۈڭنى ،

 رىستۇراندا ئ‍وڭ دەمسەن ياكى دوستۇم كۈنۈڭنى ،

خاراپ بولسا مىللىتىڭ كىم ئ‍اڭلايدۇ سۆزۈڭنى ،

 شۇڭا ھەرگىز بىھۇدە ئ‍ۆتكۈزمىگىن ئ‍ۆمرۈڭنى ،

 ئ‍ەمدى ئ‍ېغىر ھەسرەتكە تامام پاتتىم رىستۇران. 

 

 ئ‍ويۇن دىگەن ئەزەلدىن ئ‍ېشىپ قالغان تالايدىن ،

 ئ‍اددى كەپە ياخشىدۇر ھەشەمەتلىك سارايدىن ،

 خاندەك ياشاش ئەۋزەلدۇر خۇشامەتچى مالايدىن ،

شۇڭا ھالال ياشىغىن تەر ئ‍اققۇزۇپ ماڭلايدىن ،

 چۈنكى ئ‍ەلدىن مىليونلاپ قارغىش ئ‍الدىم رىستۇران .

 

 دىلزات ئ‍ابدۇماناپ (سەھرا ئوغلى)

 2015.8.15





311 قېتىم كۆرۈلدى delzat8 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-30 14:18:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-9-1 21:06:33 dolkon
biznig sawakdax yam hu
2015-9-1 15:52:36 (ekteyar yarmuhanmat (tarki
hakikatan yahxi qikiptu kalimigizga ham suz uynitixigizga kayil boldum
2015-9-1 14:50:23 بۈمەريەم
يۈرەككە تەككىدەك ياخشى يىزىلىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ