قېينانا
ئاماننىسا نامان نەفىسەئى
كۈيئوغۇلغا، كېلنىگە يامان بولغان قېينانا،
رەڭگى رويى تەڭلىكتە سامان بولغان قېينانا.
گەرچە كۆڭلى دەريادەك چەكسىزكەڭرى بولسىمۇ،
شۇكەڭلىككە دەرىت—پىغان، ئاچچىق تولغان قېينانا.
ئانا بولۇش تەس بولغاچ قىيىن بولغان ئسمىڭىز،
بەرداشلىقسىزھەممىگە تۈمۈرمىكىن جسمىڭىز.
توۋادەيمەن ھەممىمىز شۇنچە خاپا قىلساقمۇ ،
ئىنسابىمىزنى تىلەپ دۇئا قىلىپ تۇرسىڭىز.
ئەگەر ئۆيدە سىز بولماي ھەپتە ئۆتسە ئىش چاتاق،
ئاداۋەت كۆپ، قىيداش كۆپ يېرىلىدۇ قاش قاپاق.
كىم سىلايدۇ بىچارە نەۋرىلەرنىڭ بېشىنى ،
چۆچەك ئېيتىپ پەپىلەپ يىگۈزىدۇ كىم تاماق؟
مۆرشىدۇ كالىلارقېرى مۇماي قېنى دەپ،
ئەنسىرەيدۇ ئاسلانچاق كىم باقىدۇ مىنى دەپ.
چارچىدىڭىز، ھاردىڭىز، دەرمانىڭىز قالمىدى،
تەۋەرۈكتىڭىز ئەسلى قەدىرلىمىدۇق ئەجەپ.
مەنمۇ ئايال ھەم ئانا بىركۈن سىزدەك بولىمەن،
ئىزىڭىزنى باسالماي ئانا بولغانغا تويىمەن.
ئەسلەپ نادانلقىمنى قىلىپ مىڭبىر پۇشايمان،
ئىسىل ئايال ئىكەن دەپ قەدىرىڭىزگەيىتىمەن.
جاپالارنى مەن تارتاي بولدى قۇيۇڭ قېينانا،
كۈزپەسلىدە ئۆمۈرنىڭ خۇشال كۈلۈڭ قېينانا.
بۇدۇنيادا ئانىدەك ئانامدەك مېھىرىبان بارمۇ؟
ھەممىمىزنىڭ بەختىگە ئامان بولۇڭ قېينانا.
440 قېتىم كۆرۈلدى | نەفىسەئى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-1-21 17:08:10 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|