تۇرمۇش دىگەن ئاددىي سۆز ئەمەس (شېئىر) - ئېزىزجان تۇرسۇن

تۇرمۇش دىگەن ئاددىي سۆز ئەمەس

ئېزىزجان تۇرسۇن


تۇرمۇش دىگەن ئاددى سۆز ئەمەس،
ئىگسى بولماق  تەستۇر  بۇ سۆزنىڭ.
بىر تۇرمۇشنى  ئالساڭ   زىممەڭگە،
غىمنى يەيسەن نەچچە جان كۆزنىڭ.

تۇرمۇش دىگەن ئاددى سۆز ئەمەس،
گەرچە  ئاددى  بولسىمۇ  ئۆيۈڭ.
ئۆزگە تۇشلۇق غىمىبار تۈگمەس،
ئۈزلەركەن گاھ ئىدىشتا سۈيۈڭ.

تۇرمۇش دىگەن ئاددى سۆز ئەمەس،
سىنى  ھەتتا  تاۋلايدۇ   مەڭگۈ.
شۇ تۇرمۇشنى سۆيسەڭ جان بىلەن،
ساڭا ئۆلمەس  بىرىدۇ   سۆيگۈ.

تۇرمۇش دىگەن ئاددى سۆز ئەمەس،
گاھ مۈشكۈلى  كۈچۈڭنى   يەيدۇ.
بىدە  بەرسەڭ  ھەتتا  چارۋىغا،
پەشكەل قىلىپ  ئۇچنى  يەيدۇ.

تۇرمۇش دىگەن ئاددى سۆز ئەمەس،
گاھى خانقىپ-گاھى خار قىلۇر.
تۇرمۇشدىگەن، تىرىشمىساڭ، ساڭا تىگەرمۇش،
تەر تۆككەننى ھامان باي  قىلۇر.

ئېزىزجان تۇرسۇن(ئەلباش)
2017-2-2





39 قېتىم كۆرۈلدى ئېزىزجان تۇرسۇن (ئەلباش) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-22 19:56:44  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ