يامغۇر
يامغۇر

ئەي يامغۇرسۆيگۈمنىڭ باھارى ئىدىڭ،
پىغانلىق قەلبىمنىڭ زىلتارى ئىدىڭ.
قالدۇرۇپ قاتتۇرۇپ خىيال ئىلكىدە،
سېغىنغان يۈرەكنىڭ ئىزھارى ئىدىڭ.

سەن ئىككى قەلىپنىڭ سۆيگۈ ساداسى،
سۈيۈشكەن يۈرەكنىڭ ئەھدۇ -ۋاپاسى.
ئاڭلىنار سەن بىلەن شاتلىق ناۋاسى،
ئېچىلغان ئەپيۈنگۈل خۇمارى ئىدىڭ.

ئەمما سەن ئايلاندىڭ ئاخىرى ياشقا،
يىغلىما ئاسمانىم ئۇ باغرى تاشقا.
يۇقالسۇن ئەسلىمە تەغدىرىم باشقا،
يۇقالغان مۇھاببەت مۇڭزارى ئىدىڭ.

جان كەتسە مەيلىتى ۋىجدان كەتمىسە،
شۇ سۆيگۈ غورۇرنى خازان ئەتمىسە.
ئەقىدەم شەنىگە گۇمان يەتمىسە،
ئەي يامغۇر سۆيگۈمنىڭ تۇمارى ئىدىڭ.




38 قېتىم كۆرۈلدى uyghurbek ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-4 23:09:13  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ