چېغىڭدا
ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرتېكىن
ئۆمۈرنىڭ تولىسى قېچىپ كېتىدۇ،
يۈزۈڭگە قورۇقلار پېتىپ كېتىدۇ.
بەللىرىڭ ئىگىلىپ قېتىپ كېتىدۇ،
ياشلىقنى كېچىكىپ بىلگەن چېغىڭدا.
چاشلىرىڭدا ئەگىيدۇ قىراۋ شەپىسى،
كۈنسىرى يېقىنلار ئۆلۈم پەتىسى .
بىلمەيسەن,كېتىسەن قايسى ئەتىسى،
ئۆزۈڭنى سىزەلمەي يۈرگەن چېغىڭدا.
دۈشمەنلەر ئالدىدا ئىگىلمەس بېشىڭ،
ھەسرەت-نادامەت تۆكۈلمەس يېشىڭ.
پارلايدۇ,ئۆچمەيدۇ كۆكتە قۇياشىڭ،
بىلىمنىڭ كەينىگە كىرگەن چېغىڭدا.
سۆيگۈڭ بېغىدا گۈللەر ئېچىلماس،
مېھىرنىڭ ئۇچقۇنى قايتا چېچىلماس.
كۆزلەردىن زەرەتلىك چاقماق چېقىلماس،
ساداقەتنى كېچىكىپ بىلگەن چېغىڭدا.
      
| 52 قېتىم كۆرۈلدى | abdu4745 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-12 0:39:38 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |