ئ‍ۆچ بولدۇم - جۇشقۇن ھۇشۇر

ئ‍ۆچ بولدۇم

 

جۇشقۇن  ھوشۇر

 

 ھەي دۇنيا يالغىنىڭ ئ‍الدىشىڭغا ئ‍ۆچ بولدۇم،

ئ‍ويۇن كەبى مېھىرسىز مۇھەببەتكە ئ‍ۆچ بولدۇم.

 سۆيەركەنمەن مەن ئ‍ۇنى ئ‍ۇ سۆيەركەن باشقىنى،

 شۇ ۋاپاسىز ئ‍الدامچى ئ‍ىنسانلارغا ئ‍ۆچ بولدۇم.

يېقىنلىرىم كېتەركەن تاشلاپ مېنى يىراققا،

مەن سۆيگۈنۈم پەرۋاسىز تاشلار مېنى پىراققا.

 پەرۋانىمۇ توختىماي تەلپىنىدىغۇ چىراققا،

 مەنمۇ شۇنچە تەلپۈنسەم تاشلىغانغا ئ‍ۆچ بولدۇم.

 كۈلۈپ يۈرسەم ھەممىسى خۇشالكەن دېدى،

ھەمما يۈرەك ئ‍ىچىدىن تۈگەشكەن ئ‍ىدى.

 پاك مۇھەببەت،چىن ساداقەتلەر قېنى؟

چىدالمىدىم مەن پەقەت ياشاشلارغا ئ‍ۆچ بولدۇم.

يەلكەمنى باسىدۇ يۈرەكتىكى ئ‍اچچىق غېمىم،

 ھەر كېچە ھەر تۈندە ئ‍ويلاپ قاتىدۇ بېشىم.

ئ‍ۈنتۈنسىز تۆكۈلەر كۆزلۈرۈمدىن يېشىم ،

 ئ‍ىككى كۆزۈم ياش تۆككەن ئ‍ەرزىمەسكە ئ‍ۆچ بولدۇم.

 

 2016.3.5k





69 قېتىم كۆرۈلدى جۇشقۇن ھۇشۇر ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-3-5 11:13:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ