پۇشايمان - _خال
پۇشايمان


قەلىپ زەپ زىمىستان بولغان مۇشۇ كۈنلەردە،
كۆتۈردۈم ئازاپ رومكىسىنى يالغۇز تۈنلەردە.
بىر چاغلار چالغانتىم مۇھەببەت سازىن تاتلىق ئۈنلەردە، 
نە قىلاي،قىپقالدى مۇھەببەت كۈيى شىرىن چۈشلەردە.


ئازدۇرۇپ مىنى ئەي يار سەن سۆيگۈ ئىزىتقۇسىدا،
مىنى ھەر كويغا سالدىڭ بۇ مۇھەببەت دىلغۇلىسىدا.
سۆيگۈ سازىن ياڭرىتىپ سەن ئۈچۈن كۆڭۈل چالغۇسىدا،
ۋاي ئىسىت بولدۇم يەنە دىۋانەلەر بۇ سۆيگۈ كوچىسىدا.

ئاڭلا خالايىق ئەي بۇرادەر دوست_ يارەن، 
بولدى قوي ئەمدى ماڭا شىرىنە ئاشىق لەۋەن،
ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ قىلغان يەنە ئۆزۈم سەۋەن،
ئاھ ئەجەپ بولدى ئەلەم يار ئۆزى شۇنداق پەسەن.

_خال 

2016-7-4 يىرىم كىچە




114 قېتىم كۆرۈلدى ahgul ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-2 0:05:25  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ