قەدىرلىنىشتىن ئارتۇق بەخىت يوق
شاھى مەردانى
بىكاردىن كەپ قالماس كۈتكەن شۇ كۈنلەر،
جاپالار كۆرمەستىن تاجۇ - تەخىت يوق .
قەدرىڭنى بىلگەندىن بولمىغىن يىراق،
قەدىرلىنىشتىن ئارتۇق بەخىت يوق.
ئەگەر ئۇ ئىشقىڭدا كۈيۈپ كۈل بولسا،
سەن ئۈچۈن ئېچىلغان تەنھا گۈل بولسا .
ۋەدىسى ھەقىقى چىن كۆڭلى بولسا،
قەدىرلىنىشتىن ئارتۇق بەخىت يوق .
مېھرى چىن راس بولسا تاللىغىنى بىر،
كەچمىگىن ھەرگىزمۇ ئۇنى ئەبزەل بىل.
قەدرىڭنى قىلغىنى ھەممىدىن ئېسىل،
قەدىرلىنىشتىن ئارتۇق بەخىت يوق.
| 28 قېتىم كۆرۈلدى | شاھى مەردانى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-5 20:21:28 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|