نادان يارغا - ئېلىجان ئابدۇكېرەم بارچۇق ئوغلى

  نادان يارغا

ئېلىجان ئابدۇكېرەم بارچۇق ئوغلى

سەنمۇ قىلدىڭ سۆيگۈنۈم يۈرەككە ئوت سەپ قۇيۇپ،
مەن يۈرۈيمەن دەرت يۇتۇپ سەن يۈرەمسەن ئاھ ئۇرۇپ.
سۆيگۈنى بىلمەي تۇرۇپ نە ئۈچۈن يار ئىزىلدىڭ،
ئەمدى ئايرىلغاندا گۈلۈم سەنمۇ كۈلەمسەن قاھ تۇرۇپ.

چىن مۇھەببەت يولىنى بىلمەي ياشاپ سەن مەن بىلەن،
چىققاندا تەرسا خۇيلىرىڭ قەلبىمدە قالدى داغ بولۇپ.
ئويلىغاندا ھەي سېنى ئۆتمۈش خىيالىم قوينىدا،
شۇ گۆدەكلىك چاغلىرىم نەلەردە قالدى چاغ بولۇپ.

بارچە دەيدۇ سۆيگۈنى مەڭگۈ ئۆچمەس بى باھا،
 بى باھاسىز بېغىغا داغ سالامدۇق ياش تۇرۇپ.
چىن ۋاپادىن سۆيگۈدىن مەنزىلگە ئىزلار سالمىساق،
ئۆزىمىزگە دەشت چۆل چاتقال ياسامدۇ قان يۇتۇپ.

چىن مۇھەببەت يولىنى بىلمەي ياشاپ سەن مەن بىلەن،
چىققاندا تەرسا خۇيلىرىڭ قەلبىمدە قالدى داغ بولۇپ.

ئۈندىدار 2318334127
     





50 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-18 15:25:58  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ