(بەزى بىر) ئانىلارغا - رەجەپ يۈسۈپ

 (بەزى بىر) ئ‍انىلارغا
رەجەپ يۈسۈپ 


ئ‍ۇلۇغ دەيدۇ ھەركىشى، مىھرى ئىللىق ئ‍انىنى،
ئ‍انا ئۇلۇغ ۋەلىكىن، ئ‍ۇلۇغ ئەمەس ھەممىسى.
تىخى بەزى ئ‍انىلار ،ياماننىڭ ئ‍ەڭ يامىنى،
ئ‍ەنە شۇنداق ئ‍انىنى ،كەلمەس ئۇلۇغ دىگۈسى .

بالىسىغا قارىماس، كىر باسسىمۇ ئ‍ۇچىنى ،
ئ‍ائىلىگە ھەم بەرمەس مىھرىنى ۋە كۈچىنى .
بىر ئ‍ائىلە جاپادا ،تەستە ئ‍السا كۈنىنى ،
قاتار چايدىن ئ‍ايىماس،ۋاقتىنى ھەم پۇلىنى .

كىچە -كۈندۈز سىرىتتا، بوران ئ‍ۇچار ئ‍ۈيىدىن ،
مىھمانغا يوق باشقىسى ،تۇربىدىكى سۈيىدىن.
ئ‍ۈندىدارنى چوڭ بىلىپ ،بالىسىدىن ئ‍ىرىدىن،
ئ‍انىلارمۇ بار شۇنداق ،تۇتمايدىغان ئ‍ۈيىنى.

ئىشكاپلاردا رەت قىلىپ ،تىزىۋىتەر كىيىمنى،
رىستۇراندىن قالمايدۇ ،قىنىق قىلىپ گىرىمنى.
لىكىن ئ‍الماس بىر كىتاب ، ئ‍ۈگەنمەيدۇ بىلىمنى ،
چالالمايدۇ شۇڭا ئ‍ۇ ،تەربىيەنىڭ كۈيىنى.

يالغان دىمەڭ بار بىزدە ،ئ‍ەنە شۇنداق ئانىلار ،
شۇلار بولغاچ كۆپەيدى ،يامان خۇيلۇق بالىلار .
ئ‍انا دىگەن بۇ ئ‍ۇلۇغ ،تون ئ‍ىچىگە ئ‍ورىنىپ،
يۈرگەچ بەزى (ئ‍انىلار) ،شۇڭا مىللەت  زارلىنار.

ئ‍انا دىگەن ئ‍ۇلۇغ سۆز ،تەربىيەچى دىمەكتۇر ،
ئ‍انىلارنىڭ بۇرچى ھەم،مىللەت غىمى يىمەكتۇر.
ئ‍انا ئۇلۇغ ھەقىقەت ،لىكىن پەقەت (ئانىلار )،
تون ئ‍ىچىگە پۈركەنگەن ، ئ‍ۇلۇغ ئانا  ئەمەستۇر .

2016.12.2

     





89 قېتىم كۆرۈلدى babur ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-2 19:43:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-11 17:16:26 راھىلە
بۇ گەپ بەك توغرا ئىنتايىن توغرا گەپ
2016-12-10 1:33:50 ئ‍اي قوزام
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئاياللارغا بېغىشلانغان شىئىر ئ‍ىكەن مىڭ تەستەقورساق كۆتۈرۈپ تۇغۇپ بالىلارنى بويۇن قىسىتۇرۇپ نىمە كەلدى بۇ ئاياللارغاچاي ئويناپ …
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ