مەن ئۈچۈن تىلفونۇڭنى قولۇڭغا ئالامدىغانسەن (نەسىر) - ئابلىمىتجان ۋاھاپ

تېلفۇنىڭنى مەن ئۈچۈن قولۇڭغا ئالامدىغانسەن؟
ئابلىمىتجان ۋاھاپ (تەنھا تۇرنا)


سەن مىنى نىمىشقا بۇنداق قىلىپ قويدۇڭ،بۇنداق بولۇشقا مەن مەجبۇر ئەمەس ئەمما كۆنۇك،بىلەمسەن،تىلفۇنىڭنى سەۋىرسىز سۇكۇت ئىچىدە تۇرۇپ ساقلىغانلىقىم كۇتكەنلىكىم،بەلكى سىنى ئىزدەشكە ئەرزىيدىغان ھەقىقي يىقىنىم ۋە كۆڭۇل سىردىشىم بىلگەنلىكىمدۇر.
ھەربىر تېلفۇننى قۇلۇمغا ئالغان ۋاختىمدا
ساڭا تېلفۇن قىلغۇم ،ئۇچۇر يازغۇم، قۇچقاچتەك ئاۋازىڭنى ئاڭلىغۇم  كىلىدىيۇ،لىكىن سىنى زىرىكتۇرۇپ قويماي  دەيمەن…….
‏ئۈندىدارىم ، ئۇچۇرلىرىم،كوت كوتلىرىم  سايرىدىمۇ دەپ سايرىمىغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ  پات پات قاراپ قويىمەن ،  دوسلۇق چەمبىرىكىڭگە مىڭ قېتىملاپ قارايمەن ، كوت كوت بوشلىقىغا قارايمەن، سىنى ماڭا مۇناسىۋەتلىك بىرەر خەت چىقاردىمۇ دەپ ، ھەرقېتىم ئۈمۈتسىزلىنىمەنيۇ ، يەنىلا قارايمەن ،
   بىز بىريەرگە كىلىپ قالساڭ ئامراقلىقىمىزدىنمۇ تاڭ ،بىلىپ بىلمەي چاقچاق ئارلاش جىدەللىشىپ قالىمىز،شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئۇچ كۇن پاراڭلاشمايمىز ھەتتا ھەپتە-ھەپتىگە ئۇزىراپ كىتىدۇ……
سىنى سىغىنىمەن،ماڭا گەپ بەرمەي قۇچقاچتەك  سۆزلەپ كىتىشلىرىڭنى سىغىنىمەن،ۋىلىقلاپ كۇلۇشلىرىڭنى سىغىنىمەن،بۇلاقتەك كۆزلىرىڭنى سىغىنىمەن، شامالغا ئەگىشىپ يۇزلىرىمنى يىنىك سىيپاپ ئۆتكەن چاچلىرىڭنى  سىغىنىمەن،قولۇمدا كىتاپ ئەمما پۇتۇن خىيالىم سەندە……
بىلەمسەن ،‏مىڭ ئادەم ساڭا كۆيگەن بىلەن ، سەن سۆيىدىغان  شۇ بىر ئادەم  سىنى چۇشەنمىسە بېكار،مەن ساڭا كۆيگەن بىلەن ،سىنىڭ ئاشۇ قەلبىڭ مىنى سىڭدۇرمىسە بىكار. بىز چۇشۇنۇشسەك بولمامدۇ…؟؟؟؟؟
سىنىڭ قەلبىڭنىڭ كىچىككىنە ئورنىدىن ماڭا ئورۇن بەرسەڭ بولمامدۇ؟؟؟
بىركۇنىڭدە پەقەت قىسقىلا بولسىمۇ مىنى سىغىنىپ ئۆتسەڭچۇ؟سەن ئۇچۇن تىلفۇننى نەچچە رەت  قولۇمغا ئالىمەن،ھەتتا تىلفۇن ئىشلىتىش ئەپسىز ۋاقىتلىرىمدىمۇ يەنە ئوغۇرلۇقچە قارايمەنۇ،يەنە شۇ ئۇمۇدسىزلىك ئىچىدە ئويغا كىتىمەن،سەنمۇ مىنى سىغىنامدىغانسەن؟مىنىڭ تىلفۇنۇمنى ،ئۇچۇرۇمنى ساقلامدىغانسەن؟؟؟
مىنىڭ گەپ سۆزلىرىمنى سىغىنامسەن، سەنمۇ تېلفۇنىڭنى مەن ئۈچۈن قولۇڭغا  ئالامدىغانسەن؟
ئابلىمىتجان ۋاھاپ
2017يىلى 3-ئاينىڭ 5-كەچ
     





177 قېتىم كۆرۈلدى tanhaturna ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-7 1:51:26  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ