بەرىكەت

بەرىكەت

 

ئ‍امىنە

 

بەرىكەت كەتتى دەپ زارلىنىپ كۈندىن،

 ئ‍ۆتىدۇ بەزىلەر ۋايساپ بىكاردىن.

ئ‍ەسلىدە شۇنداقلا غەپلەتتە ياتقان،

 تامادا ئ‍امەتنى كۈتۈپ كاماردىن.

 

ھەر بىر يېڭى كۈن بىلسەك زور بەرىكەت،

 شۇ كۈنگە ئ‍ۇلاشقان كىشىگە ئ‍امەت.

قاچىدۇ بەرىكەت تاما، غەپلەتتىن،

نىيەت خالىسلىق كۈنلەرگە بەرىكەت.

 

ۋايسىما غۇبارسىز گۈزەل كۈنلەردىن،

كۈنلەر قوينىدا بەركەتلىك پۇرسەت.

ئ‍ۆتسە كۈنلەر ئ‍ەجىر- مېھنەتكە تولۇپ،

 ياغىدۇ كۈنلەردىن نۇرلۇق بەرىكەت.





191 قېتىم كۆرۈلدى ئ‍امىنە ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-18 12:51:25  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ