دىل

‏ دىل ‏

 

 ‏باھارگۈل ئىبرايىم

 

‏ ‏پاك بولغاچقا ۋۇجۇدۇڭ،

 ‏غوروردا ئەل،ساڭا ئايمۇ.

 ‏باراۋەردۇر سەن ئۈچۈن،

 ‏شۇڭا بايمۇ-گادايمۇ.

 

 ‏بارچە ئۈچۈن گۈزەلسەن،

 ‏ۋىجدان گۈلۈڭ بېغىدا.

 ‏بىخ سۈرگەچكە ئەقىدەڭ،

 ‏يۈرەكلەرنىڭ قېتىدا. ‏

 

 ‏يۇلتۇز،چولپان ھەمدە ئاي،

 ‏كۈيەر رەشىك ئوتىدا.

 ‏چېچەك ئاچسا قانائەت،

 ‏سەبىرلىرىڭ قېنىدا.

 

‏ ‏گۈزەللىكتە سەن ئاينىڭ، ‏

بىردىنبىرلا كۆندىشى. ‏

ساڭا شەيدا يۇلتۇزمۇ،

 ‏تۇلۇن ئاينىڭ قولدىشى. ‏

 

 ‏ساڭا شەيدا كۆڭۈللەر،

 ‏لاۋا يۈتەر تالاي كۈن.

 ‏ھەسرەتلەرگە چۆكىدۇ، ‏

كۈيلەر ئېيتىپ سەن ئۈچۈن.

 

‏ ‏2015-يىل8-ئاۋغۇست باي





141 قېتىم كۆرۈلدى ehsanay ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-11 0:11:54  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ