مىھىرسىز كۈنلەر

مىھىرسىز كۈنلەر

 

 شەرىپە تۇرسۇن

 

 دادا دەپ گەر چىققان بولسىمۇ تىلىم ،

 ۋەلىكىن سۇ ئ‍ىچمەس ئ‍ۇنىڭدىن دىلىم .

 جۇش ئۇرۇپ ئاقسىمۇ تومرۇمدا قىنى،

 كۆزۈمگە ناتۇنۇش تىترەيدۇ قەلبىم .

 

يۈرۈگۈم تونۇيدۇ ۋەلىكىن ئۇنى ،

گوياكى شېرىن چۈش شۇ ئىللىق قوينى .

 ھەي!ئەجەپ مۇھتاجتىم ئ‍ىللىق قوينىغا،

 قىينىما ئ‍ېي!قىسمەت بۇنچەلەر مىنى.

 

 كۆز يۇمغان بولسىدى مەڭگۈگە ئ‍ەبەد،

 باقمايتتى كۆزلىرىم ھەرجايغا مىسكىن .

 ئ‍ەمما ئ‍ۇ ماڭا بەك تونۇشلا جايدا ،

 يول يىقىن دىل يىراق يۈرۈگۈم غەمكىن.

 

 ئ‍ون يەتتە جۇدۇندا چىققان بۇ بوران ،

 قىينايتتى سوغۇقتا تىترىتىپ دىر -دىر.

 ئ‍ىزەتتى جىسمىمنى يۈرۈگۈم ئ‍اھى،

 جىق ئ‍ەمەس كۈتكەنتىم ئاددىيلا مىھىر.

 

 نۆۋىتىدە ئ‍ۆتكەنكەن ئۇنىڭسىز كۈنلەر،

 گەرمۇھتاج بولساممۇ، قىلچە ۋايسىماي.

 مەن بىر قىز ۋەلىكىن غەيرىتىم چەكسىز،

 ھىچ ئ‍ىش يوق ئ‍ۆتسەممۇ مىھىرگە قانماي.

 

 ھەي!قىسمەت ئ‍اڭلاپ تۇر ئ‍اجىز ئ‍ەمەسمەن ،

 بۇنچىلىك كۈنلەرگە بىشىم ئ‍ەگمەسمەن .

 دەردىمگە داۋاھىم جانىم ئ‍انام بار ،

 غەيرىتىم ئ‍الدىدا مەڭگۈ ئ‍اجىزسەن.





121 قېتىم كۆرۈلدى xaripa ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-28 23:12:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-1-5 5:49:20 يىگچى
غەيرەتلىك بولۇڭ!! شېئىرىڭىز شۇنچلىك ياخشى چىقىپتۇ ، ناھايتى سۈينۈپ ئ‍وقۇدۇم
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ