دوسلارغا خىتاپ - تۇنساگۇل ئىسمائىل

 دوسلارغا خىتاپ
تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى)


تەغدىردىن رەنجىمە تەغدىر گۇناھسىز،
رەنجىسەڭ بەرىبىر بىزلەر ئامالسىز،
تەن بەرمەي ئامال يوق ئۇ بىر ھەقىقەت،
گاھىدا خوش قىلار گاھى رەھىمسىز.

تىرىشقىن تىرىشساڭ قىلىسەن غەلبە،
تەغدىرنى تىللىما قىلمىغىن غەلۋە.
ھەركىمنىڭ تەغدىرى دائىم قولىدا،
سەۋەپ قىل قاقشىما بولمىغىن تەلۋە.

يىغلىما يىغلىما يىغلىما يۈرەك،
يىغلىساڭ قەلىبلەر بولىدۇ كۆيەك،
يىغا- زار ھېچكىمگە قالمىغان مىراس،
يىغىنى چۆرىۋەت كۈلۈشۈڭ كېرەك.

ياخشىلار ياخشىدۇر ياخشىدىن ياخشى،
ياخشىغا يول راۋان تۇرالماس قارشى.
ياخشى بول يامانغا قىلمىغىن ھەۋەس،
ھەممىدىن ياماندۇر ئەلنىڭ قارغىشى.

سەۋىر قىل سەۋىردىن ئۈنىدۇ گۈللەر،
سەۋىرچان كىشىگە كۈلىدۇ كۈنلەر.
سەۋىرلىك بولمىساڭ قىينايدۇ ئازاپ،
يۈرۈكۈڭ يىغلايدۇ كىچە ھەم تۈنلەر.

كۈلدۈرۈڭ كۈلۈشۈڭ كۈلۈڭ  كۈلگەنلەر،
كۈلىدۇ كۈلكىنى مۇھىم بىلگەنلەر.
كۈلكىلەر ئاجايىپ جاننىڭ ئوزۇقى،
كۈلۈشەر ھەتتاكى قاپاق تۈرگەنلەر.

ئىنساپتا ياشىغىن بولما پەرىشان،
مىھنەتكە پۈتۈلگەن بارچە يەر جاھان،
روھىڭدا چاقنىسا شۈكىر قانائەت،
بىلگىنكى دۇنيادا سەن ئۇلۇغ ئىنسان،

-تۇنساگۇل ئىسمائىل (قەشقىرى)
-2016-يىلى12-ئاينىڭ7-كۈنى(چاشەنبە)
     





37 قېتىم كۆرۈلدى تۇنساگۇل ئىسمائىل ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-13 19:40:45  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ