ھايات كېمىسى
**
ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەر
**
ھايات كېمە گويا بىز ئۈچۈن ،
دۇنيا بولار دىڭىزغا مىسال .
نۇرغۇنلىغان ئادەمنى سىلىپ ،
ھەر تەرەپكە ئۈزەر بىمالال .
**
ھەممىسىدە ئىنىق نىشان بار ،
يىتىش ئۈچۈن قىلىدۇ خىيال .
سەپەر ئارا ئاداشماسلىققا ،
جاننى تىكىپ ئىزدەيدۇ ئامال .
**
ھەممىسىنىڭ خىزمىتى ئايرىم ،
باشقۇرىدۇ رولىنى ئايال .
مەنزىل تامان باشقۇرالمىسا ،
يىرىم يولدا چۆكەر ئىھتىمال .
**
چۆكۈپ كەتسە ھەممە ھەممىنى ،
قارا دىڭىز قىلىدۇ قامال .
شۇنداق قىلىپ چوڭ بىر ھاياتلىق ،
ئىزى ئۆچۈپ تاپىدۇ زاۋال .
**
2016.9.8.كۈنى .
| 92 قېتىم كۆرۈلدى | ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەر | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-9-20 13:19:40 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|