غەيۋېتىم كۆپ ياخشى گېپىمدىن - مۇھەممەد ئەركىن چىن يار

         غەيۋېتىم كۆپ ياخشى گېپىمدىن

مۇھەممەد ئەركىن چىن يار


ماڭار يولىنى ئەيلىسەم بوستان ،
نەۋ باھارنى قوغلار بېغىمدىن .
غاپىل تىلدا مەن نادان ئىنسان ،
غەيۋېتىم كۆپ ياخشى گېپىمدىن .

ھايات تۇرسام ئۆلدى دېيىشتى ،
غۇنچە گۈلى سولدى دېيىشتى .
بىۋاپانى سۆيدى دېيىشتى ،
غەيۋېتىم كۆپ ياخشى گېپىمدىن .

ياخشىغا كۆپ قەدەمدە توزاق ،
باھار پەسلى قەلبىمگە ئۇزاق .
يارالغانمۇ بۇ دۇنيا شۇنداق ،
غەيۋېتىم كۆپ ياخشى گېپىمدىن .


2016-يىلى 7ئاينىڭ 15-كۈنى باي
     





155 قېتىم كۆرۈلدى مۇھەممەد ئەركىن چىن يار ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-16 16:50:59  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-9-19 14:33:02 ئەكرەم ھۈسەن
بەك ياخشى چىقپتۇ داۋاملىق تىرشىڭ دوستۇم
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ