ئوغلۇم
مۇختار مەھمۇد جىمسارى
كۆڭلۈمنىڭ ئارامى ، دىلىمنىڭ ئاشىقى ئوغلۇم ،
ئۈمۈدلىك چىراق سەزگۈمنىڭ شاشلىقى ئوغلۇم .
بولـمىغان ئىدىم ئەزەلدىن بەندىگە ئاشىق ،
سۆزلىرىڭ تاتلىق كۈن-تۈننىڭ خوشلىقى ئوغلۇم .
ھىدلىرىڭ تۇنۇش قويغان ھەر تىنىقىڭ ئەمبەر ،
بېغىمدا ئالـما ، تېغىمنىڭ بۇلىقى ئوغلۇم .
يىتىلەپ ماڭسام ھاپاشلاپ داۋانلار ئاشسام ،
مەن ئۈچۈن غورور روھىمنىڭ بايلىقى ئوغلۇم .
ئاتاشنى بىلدىم ئاتامدەك ، بولغاندا ئاتا ،
سەن بىلەن بولدى ئەقلىمنىڭ تۇلۇقى ئوغلۇم .
تۇغۇلدۇڭ كۈلدۈم دۇنيادىن قالـمىدى تەشۋىش ،
ئۈمۈدۋار پارلاق ئەتەمنىڭ يورۇقى ئوغلۇم .
| 188 قېتىم كۆرۈلدى | مۇختار مەھمۇد جىمسارى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-10-9 0:29:56 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|