ئۈژمە كۆڭۈل يارغا - ئېلىجان ئابدۇكېرەم

 ئۈژمە كۆڭۈل يارغا

ئېلىجان ئابدۇكېرەم ( بارچۇق ئوغلى )

سەنمۇ قىلدىڭ سۆيگۈنۈم يۈرەككە ئوتنى سەپ قۇيۇپ ،
مەن يۈرەرمەن دەرد يۇتۇپ سەن يۈرەمسەن ئاھ ئۇرۇپ .
سۆيگۈنى بىلمەي تۇرۇپ نە ئۈچۈن يار ئىزلىدىڭ ،
ئەمدى ئايرىلغاندا گۈلۈم ياكى كۈلەمسەن قاھ ئۇرۇپ .

چىن مۇھەببەت سۆيگۈنى بىلمەي ياشاپسەن مەن بىلەن ،
چىققاندا تەرسا خۇيلۇرۇڭ قەلبىمدە قالدى داغ بولۇپ .
ئويلىغاندا ھەي سېنى ئۆتمۇش خىيالىم قوينىدا ،
شۇ گۈدەكلىك چاغلىرىم نەلەردە قالدى چاغ بولۇپ .

بارچە دەيدۇ سۆيگۈنى مەڭگۈگە ئۆلمەس بىباھا ،
ھېچ سەۋەپسىز دەرد بىلەن ئايرىلامدۇق ياش تۇرۇپ .
چىن ۋاپادىن سۆيگۈدىن مەنزىلگە ئىزلار سالمىساق ،
ئۆزىمىزگە دەشتە چۆل چاتقال ياسامدۇق ياش تۇرۇپ .

ئۈندىدار 2318334127
     





40 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-23 10:35:44  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-26 13:18:07 ruxan
bu asarlar yahxibyizlip.tu tihmu tirxig la....
2016-11-26 13:18:07 ruxan
bu asarlar yahxibyizlip.tu tihmu tirxig la....
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ