سىنى كۈتىمەن - ئابدىراھمان ھېكىم

 ·—سىنى كۈتۈمەن—·

ئابدىراھمان ھېكىم ئىشەنچ:  كۇچا

بۇ دۇنيادىن كىتىپ  قالسام  مەن.
ئازاپلانماي خوشال ئۆتكۈن سەن.
يوقلاپ تۇرغىن ۋاقىت چىقىرىپ.
دۇئا  قىل تۇپراق  بېشغا  بېرىپ.

‏تۇيۇقسىزلا  كىتىپتۇ دەپ  قالما.
ئۆلدىغۇ  دەپ ۋاز كىچىپ سالما.
يوقتۇر   ھىچ   بىر   ئامال  ماڭا.
قىيالمايتىم      بىلسەڭ      ساڭا.

يىغلىساڭ   روھىم   قالار   ئازاپتا.
ئەسلەپ  تۇرغىن  دائىم   دىلىڭدا.
ياد ئىتىپ قويغىن ھەر بىر دۇئادا.
بۇ   سۆزلىرىم  تۇرسۇن   يادىڭدا.

‏رەنجىپ  قالساڭ  تىزراق  دىگىن.
قايتا  پۇرسەت  يوق  بىلگىن؟…
‏ئىلگىرى كىيىن  قايتىپ  قالىمىز.
ھامان  جايىغا    كىتىپ   ياتىمىز.

چۈشۈڭدە   كۆرسەڭ   مىنى.
باغرىمغا  باسمايمەن  سىنى.
ئەيىپلىمەسەۋەپ نىمە دەپ؟…
ئازاپلانما  ئارتۇق  غەم  يەپ.

ئەمدى مەن كۈزۈڭدىن يۈتۈمەن.
يەنە   شۇنداق  تەنھا   ئۈتۈمەن.
ھەر سۆزۈمدە  مىڭ مەنا باردۇر.
ئۆمۈر دىگەن شۇنچە قىسقىدۇر.

بۇ   جاھانغا   سىغمىغان   بىلەن.
قار   تۇپراققا   سىغىپ  ياتمەن.
رازى  بولغىن دوستۇم   مەندىن.
ئۇ   ئالەمدە   سىنى    كۈتۈمەن.


2016.10.31 كۇچا

506838927
     





93 قېتىم كۆرۈلدى ixanq ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-31 19:23:09  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ