سەن تېخى ياشقۇ (شېئىر) - مەشئەلى

سەن تېخى ياشقۇ (شېئىر) 

 مەشئەلى


ياشىغىن كۈلگىن سەن تېخى ياشقۇ.
دەۋرانلار سۈرگىن سەن تېخى ياشقۇ.
ئارمانلار تېخى ئاچمىدى چېچەك،
مەنزىلگە  يەتكىن سەن تېخى ياشقۇ.

ئۈمىدسىزلەنمە  داۋانلار كۆرۈپ.
ھايات يولىدا دوقاللارمۇ كۆپ.
دۇنيادا ھەركىم ئۆتمەيدۇ كۈلۈپ.
تاۋلىنىپ پىشقىن سەن تېخى ياشقۇ.

قوشكېزەك كېلەر شادلىق ۋە  ماتەم.
چىداپ كېتىدۇ ھەممىگە ئادەم.
ياشىغىن ئەلگە سەن بولۇپ ھاتەم.
چۆلنى باغ ياسا سەن تېخى ياشقۇ.

ئادەمنىڭ ئۆمرى بەك قىسقا چەكلىك.
شۇڭا بىز ئۇنى دەيمىز قىممەتلىك.
ئەل كۈلسە  سەندىن بولدۇڭ ھۆرمەتلىك.
ئارمانىڭمۇشۇ  سەن تېخى ياشقۇ.

ئۆتتى بەزىلەر ئەلنى دەپ يىغلاپ.
لېكىن بەزىلەر نەپسىنى تىلغاپ.
ۋە لېكىن ئەجەل قويمىدى ئىلغاپ.
مېھنەت قىلىپ ياشا سەن تېخى ياشقۇ.

ھېچكىم مەڭگۈلۈك قالمىدى بۇندا.
شۇنداق ۋاپاسىز ئىكەن  بۇ دۇنيا.
ياشلىقىڭ پۇرسەت شۇڭا كۆپ ئويلا.
ئارمانىڭغا  يات سەن تېخى ياشقۇ.


ئاپتور غۇلجا شەھەر بايانداي بازىرىدىن.

2016-5
     





247 قېتىم كۆرۈلدى maxali1 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-16 16:12:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ