تەغدىر نىسىپ ئ‍ەيلىگەن بىر كۈن - شاھى مەردانى
تەغدىر نىسىپ ئ‍ەيلىگەن بىر كۈن

شاھى مەردانى

مۇھەببەتكە باسقاندا قەدەم، 
مەن تاللىدىم توغرا بىر يەكۈن.
رىياللىققا ئ‍ايلنار چۈشلەر،
تەغدىر نىسىپ ئ‍ەيلىگەن بىر كۈن،

ھەر نەرسىگە سەبرىم بار مېنىڭ، 
كۆزۈمدە ياش چىقارماستىن ئ‍ۈن. 
قايتىپ كېلەر ماڭا پۈتكەن يار،
تەغدىر نىسىپ ئ‍ەيلىگەن بىر كۈن.

سۆيگۈ دىگەن گۈزەل بىر باغدۇر، 
ۋەيران بولماس كەلمىسە كەلكۈن .
ئارزۇيۇم شۇ بىرگە ياشاشتۇر ،
تەغدىر نىسىپ ئەيلىگەن بىر كۈن. 

ھەممە ماڭا سوغۇق تەگسىمۇ،
سېنى ئ‍ويلاپ بولمايمەن غەمكىن. 
ۋىسالىڭغا چوقۇم يېتىمەن،
تەغدىر نىسىپ ئەيلىگەن بىر كۈن. 

چۈشسە باشقا ئ‍ېغىر كۈلپەتلەر ،
سېنى بار دەپ يۈرىمەن تەمكىن، 
چوقۇم سېنى ئ‍ېلىپ كېتىمەن، 
تەغدىر نىسىپ ئەيلىگەن بىر كۈن .





41 قېتىم كۆرۈلدى شاھى مەردانى ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-8-27 14:18:39  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ