چارىسىزلىق پاتار جېنىمغا (شېئىر) - رىزۋانگۈل

 چارىسىزلىق پاتار جېنىمغا
رىزۋانگۈل (مودەن)


قانداق سەۋدا  چۈشتى بېشىمغا؟
نىچۇن بولدۇم  دەرتكە مۇپتىلا؟
خاھىشىممۇ بۇي سۇنمايدۇھېچ
نە قىلارمەن دېمەي، بوپتىلا.
………،،،،
چارىسىزلىق پاتار جېنىمغا
كەتتى يۈرەك جىسمىم بارالماس،
خىياللىرىم تۇتقۇندۇر ئاڭا،
گۈل بېغىمدىن خۇشبۇي تارالماس.
………،،،،
تەلمۇرىمەن يوللىرى تامان،
ئىختىيارىم قولۇمدا ئەمەس.
قەلبىم ھېجران چۆلىدە سەرسان،
قېينىمىغىن ئەمدى بولدى بەس!.
……،،،،
ئاشىقلقتا يوقتۇر ھېچ گۇناھ،
گەپ ئاڭلىماس كەپسىزكەن يۈرەك.
چېچەكلىسە ئارمان بېغىمدا،
باشقا يوقتۇر ئارزۇ ھەم تىلەك!


2017-يىلى 20مارىت. مايتاغ

     





92 قېتىم كۆرۈلدى رىزۋانگۈل (مودەن) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-25 16:44:21  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-26 9:42:46 پارھاتجان تۇردى ‹قوشراپى›15909043804
يامان ئەمەس يىزىلىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ