تاشلايمەن كۆڭۈلنى يەنە بىر قېتىم
گۈلنىگار مەترۇزى
تاشلايمەن كۆڭۈلنى يەنە بىر قېتىم ،
قالدۇرۇپ مۇھەببەتنى ئوتلۇق يۈرەكتە.
كېرەك بولسا تاشلارمەن نەچچە مىڭ قېتىم ،
لازىم ئەمەس ماڭا قۇرۇق تىلەكلە .
كەتكىن سەن يىراققا زىمىستان بىلەن ،
كەتمىسەڭ بېغىمغا كەلمەيدۇ باھار .
بولغۇم يوق قار ئەمدى مەڭزىڭگە قونغان ،
ئاجىز قار ئېرىيدىكەن ئوت كۆرسە دەرھال .
نەپرەتلەندىم ساڭا ئۆزىمگىمۇ ھەم ،
نېمە دەپ سۆيگەنتىم سېنى مەن بۇنچە .
كۆڭۈل دېگەن ساراڭكەن جىم تۇرمايدىغان ،
تارتقانسىرىم ماڭغانتى سەن ياققا شۇنچە .
بۈگۈن مانا تىلىدىڭ سەن ماڭا بەخىت ،
مەن سېنى قاغايمەن تاكى ئۆلگۈچە .
ئاجىزلىقتۇر مەن ئۈچۈن قۇرۇق تىلەكلە ،
تىلىمىسەڭمۇ ياشايمەن بەخىت ئىچىدە .
2016-01-02
| 189 قېتىم كۆرۈلدى | nigarhan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-1-2 21:25:17 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|